.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 06:53 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
مۇبارەك بولسۇن !
جانابى تۇز ئالىيلىرى ئۆزلىرى كۆزىنى يۇمىۋېلىپ سۆزلەۋاتقان چالا موللامدەك گەپ قىلىۋاتقان بولسىلىرى يازغان ئىنكاسلىرىغا قايتىدىن قاراپ ئۆتكەيلا. بۇ يا ھەممىمىزگە ئەمەس، ياكى ماڭا ئەمەس... بىر گەپ بولۇپ قالدىغۇ؟ ئىنساپ....
بىر چاغلاردا مۇشۇنداق چاخچاقلار بىلەن مۇنبەر باشقۇرغىچىلىرى بىلەن تولىمۇ يېقىن ئۆتەتتۇق. يېقىندىن بىرى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەرتىۋېسى ئۆستىمۇ ئەزالار بىلەن ئارلىق چوڭىيىپ كەتتى. پات-پات قىلىنىدىغا رىغبەت سۆزلىرىمۇ يوقاپ قالدى. ئەسەر توغرىلىق ئەمەس، تالاش-توغرىلىق پايلاپ تۇرىدىغان ھالغا ئۆتتۇق. ھەي، ئەزالارمۇ ئۆزىنى سورسا، ئەسەرلەرنىڭمۇ سۈپىتى يۇقىرى كۆتىرىلسە... پاخال تېما ۋە ئىنكاسلار بوشلۇقنى ئىگىلىمىسە...
ئەزالارنىڭ كۆپ ئوقۇپ ئۈگۈنۈشنى ئاساس قىلىپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ يوللىغان تېمىسىنىڭ چىقماسلىق دەۋاسى ھەم ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسىنىڭ ۋەزىنى قىلماي تېنچ ئۆتسەك....
دۇنياغا تارقاۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ھەم يېزىقچىلىقىمىزنىڭ سۈپىتىنى كۆتىرىشكە تىرىشساق، يامان سۆز، ھەركەتلەرنى ئامال بار قىلمىساق، تىللاشمىساق...
ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ ياخشى پەزىلىنى مەدىھىيلەش بىلەن بىرىگە، ئۇلارنىڭ كەڭ كۆكسىگە قىزىل گۈل تاقىغان قىياپىتىم بىلەن ئېھتىرامىم يەتكەي! ئاللا كۈنىڭلەرنىڭ مەنىلىك ئۆتىشىگە مەدەت قىلغاي! سەبىرلىك بولغايسىزلەر....