gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 01:45 AM
بۇ تېمىڭىزنى تولۇق ئۇقۇپ چىقىپ ، ئىنكاسلىرىغىچە ئالا ق ...
توغرا دەيسىز، بىزدە تىرىشچان ئادەملەر ئاز ئەمەس. قاسىمكاممۇ ، دەل مۇشۇ مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرىمۇ تىرىشچان ،ئويغاق ئېنسانلار ئىكەنلىگىنى ئەمىلىيىتىدە كۆرسەتتى. بىرى يېزا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياشىنىپ قالغان ئادەم، بىر بولسا مېيىپ. لېكىن بۇلار ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئېلىمسۆيەر خەلقىمىزنىڭ مەرىپەتپەرۋەر روھىنى نۇرلاندۇردى. مەنچە بۇ خىل روھ ھەممە ئۇيغۇرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى تەسىرلەندۈرىشى كېرەك. بۇلارنى كەمسىتكەنلەر نۇمۇس قىلىشى كېرەك. ھورۇنلۇق، نادانلىق ، نامراتلىق ئۇيغۇرنىڭ پاتىنتى ئەمەس. تىرىشقان تاپار .