بۇ ھىكايىڭىز ئاخىرى پۈتۈپتۇ دە. نەچچە كۈندىن بىرى تورغا چىقالمىدىم، يانغۇندا زىيارەت قىلىپ كۆرگەنتىم. مۇنداق بىر سەۋەنلىكنى بايقىدىم.
مەن ئۇنى ساقلىغاچ بۇ قەدىمى يۇرتنىڭ كەچلىك مەنزىرسىدىن ھوزۇرلاندىم.
كوچا چىراغلىرى خۇددى ماڭا گىپى باردەك كۆز قىساتتى
دەپ يىزىپسىز. لىكىن ھىلىقى قىز پەيدا بولۇپ ئازراق ۋەقەلىكتىن كىيىن ئاغىنىڭىز بانكىدىن چىققاندا
ئاغىنەمنىڭ كۈلكە ئارلاش قىلغان بۇ چاقچىقى مىنى بايىقى ئاچچىق ئويلاردىن تارتىپ چىقتى.بايقى ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەيمۇ؟ياق ياخشىسى دىمەي.چۈنكى مىنىڭ بۇ ئاغىنەمنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئاچچىغىدا ئۇنى بىرنىمە قىلىپ قويسا قانۇن ھەرگىزمۇ قەھرىمانلىق قىلىپ سەبىي قىزنى بۆرە ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرغان دىمەيدۇ، ئەكسىنچە مەزكۈر جىنايەتچى كۈپكۈندۈزدە بىگۇناھ خەلىق -ئاممىسىنى يارلانـدۇرغان دەپ يەنە شۇ نائەھلىنى قويۋەتسە،يەنە زىيان بىزگە بولىدۇ.توغرا ئۇنىڭغا دىمەي.
دىگەن جايدا كچىنىڭ گىپى بولىۋىتپ كۈپكۈندە دەپ ئىلىنىپ قاپتۇ. يازما سەل تاققۇ تاققا. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە كەمچىل. بۇ ھىكايىڭىز ھەقىقەت بولمىغاندىكىن مۇبالىغىنى ئازراق قوشۇپ قويسىڭىز، ھىكايە تىخىمۇ جانلىنىپ ئوقۇرمەننى تىخىمۇ جەلىپ قىلاتتى. ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.
سىزمۇ يەكەندىن كەنسىز. مەنمۇ يەكەندىن يۇرتداشكەنمىز.