hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 08:36 PM
تور دۇنياسىدىكى بەزى كىشىلىرىمىزدىكى بىلىمسىزلىك، نا ...
مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ مەلۇم بىر شەخىسنى كۆتۈرۈش ياكى بەزىلەرنى سۆكۈش خىيالىممۇ يوق.بەلكىم دىگەندەك سۆكمەيلى دەپ ئۆزۈم سۆكۈشكە ئوخشاش ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ سالغاندىمەن،لىكىن مىنىڭ يېزىشتىكى مەخسىتىم سۆكۈش ئەمەس.ھەم پەقەت سەنئەتكارلارنىڭ كەينىدىنلا گەپ تاپمايلى ئەمەس،قايسى ساھەدە بولسۇن قوللاشقا تىگشلىك بولسا قوللايلى.تەربىيە قىلىشقا تىگىشلىك بولسا تەربىيە قىلايلى.بىر بىرىمىزنى سۆكۈشنىڭ ئورنىغا بىر بىرىمىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىش،ياخشى مەسلىھەت پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىش،ئۆزئارا ئىشىنىش،يۆلەش بولسۇن دىمەكچىتىم.قارىغاندا ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئىپادىلىمەپتىمەن.ئاخىرىدا مەيلى ياخشى تىما بوپتۇ دىگۇچىلەر بولسۇن ياكى تازا توغرا بولماپتۇ دىگۇچىلەر بولسۇن ھەممەيلەننىڭ بەرگەن پىكىرىگە رەھمەت.كىچچىكىنە قوشۇپ قويسام مەيلى كىم بولسۇن بىر ماقالە ياكى باشقا تۈردىكى ماتىرىيال بولسۇن بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانىكەن ئالدى بىلەن ئاشۇ كىشىنى ھۆرمەت قىلساق،پىكىر تەكلىپ ئوخشىمايدىغان قاراش ياكى زىت قاراشلار بولسىمۇ ئىلمى،مەدەنى پىكىر ئالماشتۇرساق.مۇنبەر ئادەم تىللىشىدىغان ياكى يەنە شۇ بىر بىرىمىزنى كۆرمەي تۇرۇپ تىللىشىدىغان سورۇن بولۇپ قالمىسۇن(بۇ ھېچكىمگە قارتىلىپ دىيىلمىگەن)