مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن
قۇياش چىقسا نە كارىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن،
چىقىدىغۇ ھەر دائىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.
« بىرەر ئىشنى ئۆگەن » دەپ ئاغرىتمىغىن بېشىمنى،
ئۇيقۇ ياخشى ھەمراھىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.
« ياز بولسا قىش بولمىسا، نان بولسا ئىش بولمىسا »،
ياڭرار ئۇشبۇ شوئارىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.
خەقلەر ئۇچسا ئۇچمامدۇ ئاي شارىغا، مارىسقا،
ئۇچسا نېمە پەرۋايىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.
كۈندە بىكار يۈرسەممۇ ئاچ قالمىدىم، ئۆلمىدىم،
پاناھ بەرسۇن خۇدايىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.
« ئۇيقۇ دېگەن ئۆلۈم » دەپ ئاڭلىغانتىم بىراۋدىن،
كەلسە يوقتۇر ئامالىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 08:12 PM