مىنى ئەزدى خۇراپات
(بىرقىزنىڭ نالىسى)
ياشلىغىمنى پايمانلاپ ،مىنى ئەزدى خۇراپات،
كەلگۈسىمنى ئايانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات،
چېقىپ مىنى چايانلاپ، مىنى ئەزدى خۇراپات،
تۆكتىم دەرنى بايانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
كىرىۋىدىم ئون ئۈچكە ئەلچى كەلدى ئۆيۈمگە،
نەقىسمەت بۇ يارەنلەر سەت ئەمەسمۇ يۈزۈمگە،
ئاتا-ئانام ۋاي ئىسىت قارىماستىن كۆزۈمگە،
ئاخۇنۇمغا نىكاھلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئاخۇنۇمغا قارىسام يېشى ئىكەن يەتمىشتە،
بارئىكەنمىش ئۇ تېخى ھەممە قىلىق- ئەتمىشتە،
بۇنداق نىكاھ ساۋاپمىش،قالغان ئىكەن ئۆتمۈشتە،
رۇخسارىمنى سامانلاپ ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئۆلۈپ كەتكەچ خوتۇنى ،مىنى ئاپتۇ ئەمرىگە،
كىچىك قىزغا باش تاراپ،قاراپ باقماي ئەپتىگە،
تۇتقۇن بولدۇم ئۆسەك سۆز،ئەپسانە،سەپسەتىگە،
ئارزۇ كەتتى قايانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئەركىنلىكتىن مەھرۇممەن،ماڭا ھەممە كۆز-قۇلاق،
چىقىپ قالسام تالاغا،بار تىپىكلەر،مۇش-تاياق،
مەندىن ئەركىن يۈرۈشەر،ئېغىلدىكى ئات-ئۇلاق،
كۈندە كەتتىم يامانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئولتۇرغىنىم ،تۇرغىنىم گۇناھ بولدى خەپ دىدى،
بىرەر ئېغىز ئارتۇق گەپ،خۇتۇن خەققە سەت دىدى،
ئۆي ئىشىدىن باشقىغا نېرى تۇرغىن،چەت دىدى،
نادانلىققا قارارلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئانا بولدۇم ئون بەشتە ئىككى ئوغۇل بالىغا،
ئىڭەلەيدۇ بۇۋىقىم،تۇز سىپىدۇ يارىغا،
يارىشامدۇ بۇقىسمەت،مەندەك بەختى قارىغا،
ياشىم ئاقتى تاراملاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئۆتتى كۈنلەر،ئۆتتى يىل تۈگىمەستىن ئۆي ئىشى،
كىلىپ قاپتۇ بېشىمغا ئوغۇل ئۆيلەش توي ئىشى،
قوروق چۈشۈپ يۈزۈمگە ئاقىرىپتۇ چاچ ئۇچى،
ياشلىقىمنى ئۇغۇرلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-22 05:48 PM