زېلال يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 04:26 PM
كەچۈرۈڭ ، شېىئىر يېزىشنى ئەمدى باشلىغاچقا بۇ جەھەتكە ...
سىزدىنمۇ بەك تېمىنى تەستىقلىغۇچە كارى بولمىغان مەسئۇلىيەتسىز باشقۇرغۇچىغا ئاچچىقىم كەلدى.ئۆز تىل يېزىقىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىز قىلمىساق قىرغىز،قازاق،قالماقلار ھەرگىز قىلىپ بەرمەيدۇ.دىلىڭىز ئازار يېگەن بولسا كەچۈرۈڭ.ياۋا شاخلىرى پۇتىلىپ تۇرغان دەرەخ تېخىمۇ ياخشى مېۋە بېرىدۇ.
مىسرانىم مۇنبىرى بىر ئونۋىرسال مۇنبەر،بۇ مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلا ئەمەس،ئىنكاسلارنىڭمۇ ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلمىغاندا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز.بۇرۇن كۆپ قېتىم ئەسكەرتسىمۇ ئىملاسىنى تۈزەتمىگەن ئەزالارنىڭ نومۇرى چەكلەنگەننىمۇ كۆرگەنمەن.شۇڭا دىققەت قىلىڭ.
ھازىرچە ئازار يېگەن بولسىڭىز كەيپىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان،ئىنكاسىمدىن سۆيۈنىدىغان چاغلىرىڭىزمۇ بوپ قالار،ئامان بولۇڭ.