XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 09:29 AM
تاپالماستىن تومۇرنى تۇتۇپ قاراپ قوللارغا ،
شاپاللايسە ...
بۇنداق سېستىرالارمۇ يوق ئەمەس،كۆپىنچە دوختۇر،سېستىرالار ئادىمىيلىك ئەخلاقى،كەسپى ئەخلاقى جەھەتتىن تەڭ يىتىلىپ ئاق خالاتلىق پەرىشتە دىگەن نامغا مۇناسىپ بولسىمۇ ،ئەمما ئاز بىر قىسم ياكى ئادىمىي ئەخلاقتىن ياكى كەسپىي ئەخلاقتىن يىتىلمىگەن سېستىرالار ئادەمنى بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ.
مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا داۋالانغان ۋاقتىمدا ئۇ يەردىكى سېستىرالارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ بۇندىن كىيىن يېقىنلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزۈم چىقىش ئۈچۈن ئۆزلۈگۈمدىن تىبابەت ۋە سېستىرالىققا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنىۋاتىمەن،لىكىن ئەمەلىيەت مەشقى بولمىسا ئۈنۈمى ياخشى بولمايدىكەن.
شۇڭا دوختۇر،سېستىرالار ئۆزىنىڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتە دىگەن نامىغا مۇناسىپ ساپا ھازىرلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. سېستىرا دىمەك مىنىڭچە ئانىلاردىنمۇ نەچچە ھەسسە ئاق كۆڭۈل،مېھرىبان،سەۋىرچان،جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان پەرىشتە دىمەكتۇر.