xajarim يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 10:23 PM
ئەر كىشى مۇھەببەتنى يۈركىدەبىلىپ ئائىلسىنى ساقلاپ ...
راست دەيسىز ، ئەر كىشى بۇزۇلسىمۇ يەنىلا شۇ يارىماس ، كۆرۈمسىز خوتۇنىنى ئىزلەيدىكەن ، سەۋەبى ئاشنىسى تەرىپىدىن خۇددى كېرەكسىز يىرگىنىشلىك ئەخلەتنى چۆرۈۋەتكەندەك چۆرۈۋېتىلگەنلىكتىن ، بولمىسا قايتىپ كېلەتتىمۇ دەيسىز ، بۇنداقلارنىڭ باھانىسى بالامنى دەپ قالدىمكەن ، توۋا ، ئەينى ۋاقىتتا ئاشنا تۇتقاندا شۇ بالا ئەجەپ ئىسىدە يوقكەن دىسە ، ھەيرانمەن ، بۇ باھانىسى شۇنداق يوللۇق ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىۋېتىدىكەن ، ئايالى ئامالسىز يۇندا ئارىلىشىپ كەتكەن تاماقنى يەۋاتقاندەك ، خورلۇق ئىچىدە پۇچۇلىنىپ يەنە شۇ بۇزۇق ئىرى بىلەن بالىنى دەپ ئۆي تۇتىدىكەن .
سىزدىن سوراپ باقاي ، ئەشۇ ھالاللاپ تەككەن ئىرىمىز بۇزۇلۇپ ، سىرتتا ئويان دىگەننى بۇلۇشىغا ئويناپ ، ئاشنىسى بىلەن بوغان ئوتلىرى ئۆچەپ ، خۇددى ئەسكى لاتا خەينى چۆرۈگەندەك چۆرۈۋېتىلگەندىن كىيىن ، نۇمۇس دىگەننى قايرىپ قويۇپ ، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى بىر چەتكە ئېپ قوياپ ، يېنىمىزغا كىلىپ بالىنى ئويلا ، بالىنى ئۆزىمىز باقساق دىسە ، ئامالسىز بالىنى دەپ ئېپ قالىدىكەنمىز ، ئەمما يۈرىكىمىزدىكى مۇھاببەت ئاللا بۇرۇن ئۆلگەن بولىدىكەن ، ئەمما يەنىلا خورلۇققا ، ھاقارەتكە چىداپ ياشايدىكەنمىز لىۋىمىزنى چىڭ چىشلەپ ، ئەمما ئائىلە ئايالى بولغان ئايال بۇزۇلۇپ ، يەنىلا سىز دىگەندەك مۇھەببەتنى يۈرىكىدە ساقلاپ ، سابىق ئىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە ، خۇددى بىز يەنىلا پۇرسەت بەرگەندەك ، شۇ بۇزۇلغان ئايالىغىمۇ شۇ ئېرى پۇرسەت بىرىپ ئېپ قالارمۇ ؟؟؟ زادى ئېپ قالارمۇ جاۋاپ بىرىۋېتىڭە ، ئەگەر ئەلمىساقتىن بۇزۇلغان ئەرلەرگە بىرىلگەن پۇرسەت ئاياللارغا پەقەتلا بىرىلمىگەن ، بولمىسا قايتىپ كەگەن ، خۇددى سىز دىگەندەك مۇھەببەتنى يۈرىكىدە ساقلاپ ئائىلىسىگە ، قەدىنىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەتتى ، پەقەتلا كەچۈرۈلمىگەچكە ، قايتىپ كىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا بۇزۇلغان ئاياللار بىراقلا ئۈمۈتنى ئۈزگەن ، ئەگەر بىزگە ئوخشاش كەڭ قوساقلىق بىلەن كەچۈرۈلگەن بولسا سىز تەرىپلىگەن بۇزۇلغان ئەرلەرگە ئوخشاش مۇھەببەتنى يۈرىكىدە ساقلاپ ، ئائىلىسىنى دەپ قەدىنىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن ياخشى ئايال ، ياخشى ئىنسان بولۇپ قالغان بولاتتى ، ھەي ئىسىتەي ، موللام بىلىپ تۇرۇپ دۆڭگە سىيىدۇ دىگەندەك ھەممىگە ئايان ئىش ، شۇڭا بۇزۇلغان ئەرلەرگە تولا چاپان ياپماڭ مۇھەببەتنى يۈرىكىدە ساقلاپ قايتىپ كېلىدۇ دىگەندەك باھانىلار بىلەن .
بۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق بۇزۇلغان ئاياللارغا يان بېسىۋاتقىنىم يوق ، سېلىشتۇرۇۋاتىمەن ، ئىشنى قىلىپ بۇزۇلغان ئەر ۋە قىز - ئاياللارنى ئىلاھىم يەر يۇتسۇن ، بالىسى تۇرسا دەپ باھانە كۆرسەتسىمۇ پەقەتلا كەچۈرۈلمىسىكەن دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ، ئەلمىساقتىن ئايالمۇ بۇزۇلغان ئىرىنى ، ئەرمۇ بۇزۇلغان ئايالىنى كەچۈرمىگەن بولسا ، ھازىرقىدەك بۇزۇقچىلىقلار ناھايىتى ئاز يۈز بېرەتتى دەپ ئويلايمەن ، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى كەچۈرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ بۇزۇقچىلىق يولىغا قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلالمايتى ، ھىچ بولمىسا تەپ تارتاتتى . ئەمما بۇزۇلغان ئەرگە كەچۈرۈم دىگەن بەك كەڭرى ، ئەمما بۇزۇلغان ئايالغا پەقەتلا يوق دىيەرلىك ، شۇڭا ئەرلەر ئاشنا تۇتۇشتىن قوقمايدۇ .