7-باپ جىن؟
بىرچاغ بولغاندا بىلال بىلەن مەتسىلىم يىنىپ چىقتى.ئاندىن ئەينىدىننىڭ يىنىغا كىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.
-بۇ قەبرە ئوچۇق تۇغىنىغا ئۇزۇن بولاپ كىتىپتۇ،ھىچقانداق زەھەرلىك ئىس،خەتەرلىك ئەھۋاللار يوق ئىكەن،لىكىن بۇ قەبرىنىڭ ئەسلى .........
بىلالنىڭ گىپى بارغانسىرى پەسلەپ،پەقەت ئەينىدىن ئاڭلىغۇدەكلا ھالەت پەيدا بولدى،مەتىسىلىممۇ ئۆزىنى سوراپ يىراقراق كەتتى،مىنىڭ ئۇلارنىڭ زادى نىمە دىيىشكەنلىكىنى بەك ئاڭلىغۇم بولسىمۇ لىكىن ئىناۋىتىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن،يالغاندىن پەرۋاسىز بولىۋىلىپ،تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ،ئۆزۈم ئىجاد قىلغان مەلۈم ناخشىغا غىڭشىپ قويدۇم.ئۇلار بەك ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى.ئاندىن ئەينىدىن ماشىنىدىن ئىلىپ چۈشكەن قولچىراقلارنى ئەلىدىن باشقا ھەممىمىزگە بىردىن تارقاتتى.
-كىرىپ كۆرۈپ بىقىشنى خالايدىغانلار بىز بىلەن كىرسەڭلار بولىدۇ،ئەلىجان سىلە خاپۇمماي نەرسە-كىرەكلەرگە قايلاپ قوياملا؟!
ئەينىدىن سۇئال نەزىرى بىلەن ئەلگە قارىدى.ئەلى تىزلا قوشۇلدى.ئۇنىڭ بايلىق ماكانىنى كۆرگۈسى يوقمىكنتاڭ!
-ئورەك ئېغىزى سەل كىچىككەن،لىكىن ئىچى چوڭ،چۈشكەندە دىققەت قىلىشالا جۇما!
بىلال بۇگەپنى ماڭىلا قارىتىپ دىگەندەك ماڭا تىكىلپ قاراپ قويدى.مەن دىمىقىمنى قىقىپ،چىچىمنى يانغا تاراپ قويدۇم. بۇ مىنىڭ<ئاكاڭ قارىغايدا سو يوق!>دىگىنىم ئىدى.بىلال غەيرى بىر كۈلۈپ قويۇپ،باشلامچىلىق بىلەن ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى،ئارقىدىن مەتسىلىم،ئارقىدىن ئەينىدىن،ئەڭ ئاخىرىدا مەن.راسىت گەپ قىلسام،ئىچىمدە قىزىقىشتىن بەكرەك قورقۇنىچ بار ئىدى.كىم بىلىدۇ،ئىچىدە جىن-ئالۋاسىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ يىلان-چايانلار بارمۇ تىخى!ئازگالغا چۈشۈش جەريانىنى سۆزلىمەيلا قوياي،ئىشقىلىپ مىنىڭ چۈشۈش قىياپىتىم كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ھەجۋىيغۇ دەيمەن،ھەرنىمە بولسا ئىچى قاراڭغۇ ئىكەن.بولمىسا بۇ ساراڭ-قېتشلارنىڭ كۈلكىسىگە قالاركەنمەن.
ئازگال ئىچى قەبرە شەكلىدە ئەمەس،كىچىك ئۆي شەكلىدە ئىدى،مەن قالايمىقان چىراق تۇتۇپ ھەممە يەرنى كۆزىتىپ باقتىم،سەل دىمىقلىقنى ۋە غەيرى پۇراقنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،ئادەمنى قورقۇتقۇدەك باشقا ئالاھىدە ئەھۋال يوق ئىدى.ئەينىدىن ھەربىر تاملارغا-تاش،توپىلارغا قاراپ چىراقنى چىشلەپ،خاتىرىسىگە بىرنىملەرنى يازماقتا،بىلال مەتسىلىمنىڭ باشلىشى بىلەن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مىڭىۋەرمەكتە ئىدى.
-ۋايجان!جىن!
مەتسىلىمنىڭ چاشقاندەك چىقرىراق ئاۋازى مىنى ئوڭدامغا ئۇچىرىۋەتتى.تەستە ئۆمىلەپ قوپۇپ قىچىشقا تەمشەلدىم،لىكىن مەتسىلىم ۋە مەندىن باشقا ھىچكىم قاچىدىغاندەك ئەمەس.بىلال قويۇق قاشلىرىنى يىمىرىپ،مەتسىلىم <جىن!>دەپ قاچقان تەرەپكە قاراپ مىڭىۋاتاتتى.ئەينىدىن مىنىڭ ھالىتىمگە قاراپ،گۆلىيىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتى.مەتسىلىم ماڭا قاراپ-قاراپ قويۇپ،بىشنى تاتلىغىنىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.مەنمۇ چۈشەندۈرگۈسىز خجىللىقتا ئۇلارغا ئەگەشتىم.
بىر ئادەم بىشىنىڭ ئىسكىلىتى،چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئېغىزىدىن<شارت-شارت>قىلىپ ئۇزۇن تىلىنى چىقىرۋاتاتتى.مىنىڭ پۇتلىرىم تىتىرەشكە باشلىدى،<ياخۇدا!نىمە كارامەت بۇ؟>دەپ ئويلىدىم .بىلال ئىلگىرلەپ بىرىپ،پۇتى بىلەن ئىسكىلىت كاللىنى ئاستا تىپىپ ئۆرىدى.ئىچىدىن بىر كەسلەنچۈككە ئوخشايدىغان جانلىق،چاشقاندەك قىچىپ چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.بىلال ئاۋال مەتسىلىمغا ئاندىن ماڭا قاراپ ھېجىيىپ قويدى.<ھۇ قوتا مازار مۈشىكى،ئاشۇنچىلىك نەرسىدىن قورقۇپ يۈرگەن ھالىڭغا،قانداقمۇ قەبرىمۇقەبرە،خارابىلىقمۇخارابىلىق مارىلاپ يۈرەلەيدىغانسەن؟!سىنى مازار مۈشۈكى ئەمەس،مازار توخىسى دىسە مۇۋاپىق بولغىدەك!ھەجەپمۇ قورقۇتتى مىنى!>ئىچمدە مەتسىلىمنى يۈزمىڭنى تىللىدىم.ئۇ قېلىن ئوغرى يەرگە قاراپ گەدىنىنى قاشلاپ ھىجىيىپ قويۇپ.يەنە سەپنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى.بۇ قەبرىگە بىرقانچە قەبرە ئۇلاشتەك تۇراتتى.بەلكىم ئەسلى ئايرىم بولسىمۇ،قۇمغا كۆمۈلگەندىن كىيىن،بايلىق ئىزدەيدىغانلار تىشىپ،ئۇلاپ قويغان بولىشمۇ مۇمكىن!شۇلارنى ئويلاۋاتسام،يەنە<ۋايجان!!!>دىگەن چىرقىرىراق ئاۋاز قايتا <سايرىدى>،نىمىلا بولمىسۇن قاچماي ،ئالدىغا بىرىپ بايىقى ئىناۋىتىمنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم.ئەمدى ئىككى قەدەم مىڭىشىمغا،ئاۋال بىلال،ئاندىن مەتسىلىم،ئاخىرىدا ئەينىدىن بوراندەك قىچىپ چىقىش ئىغىزىغا يامشقىلى تۇردى،بەلكىم ئىشتىنىمغا چىقىرۋەتكەن بولىشىممۇ مۇمكىن،قانداق قىچىپ چىققىنىمنى،قانچە قىتىم يىقىلغىنىمنى بىلمەيمەن،ماشىنىغا يۆلىنىپ تىنالماي ئولتۇرۇپ قالدىم.بىزنىڭ ئارقىمىزدىن تەخەيدەك كىلىدىغان بىر ياۋا ئىت،ئازگالدىن چىقتى ۋە بىزگە يىقىنلاشماي تۇرۇپ قاۋاپ خىرىس قىلدى.<ئۇھ!!!ئىتكەنغۇ!گەرچە يۇغانراق بولسىمۇ،ئىشقىلىپ ئىت!ما پوركۆتەك ئەينىدىن قېرى ھەجەپ تىز يۈگۈرەيدىكىنا؟!يىشىغا پەقەت ماس كەلمىگەن ھالەتتە تىخى!ماڭا بىر ئېغىز قاچ!دەپ قويماي ئۆزئالدىغا قىچىۋىرىشىنى بۇ ۋاپاسىزلارنىڭ!>ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ،ئىچمدە بىر-بىرلەپ تىللاپ چىقتىم.بىلال قولچىراقنى يۇقىرى نۇر ھالىتىگە ئەكىلىپ،ئىتنىڭ كۆزىگە تەڭلىدى،ئىت قاۋىغاچ ئارقىغا داجىپ،قاياقلارغىدۇر قىچىپ كەتتى.
نامازشام ۋاقتى بولاي دەپقالغان ئىدى.ئەينىدىن<ئەتە كىلەيلى!>دەپ ماشىنىغا چىقتى.بىزمۇ ماشىنىغا چىقتۇق.يولدا ماڭغاچ ئۇلارغا قاتتىق كايىپ كەتتىم:
-ئەينىدىن تاغا!سىلىنى ياشانغان،تېنى ئاجىز دىسەم،قاچىدىغان چاغدا مەندەكتىن ئوننى قاتلايدىكەنلىيا؟!تىخى مۆمۇ دەپ قويماي!ماۋۇ بىلال بىگىم ئەپەندىمغۇ،ئولىمپىكقا قاتناشسا چوقۇم مىدال ئالىدىكەن!!!
-مەتسىلىم ئاكا،باشقىلار سىلىنىڭ خىلى تەرەپلىرىنى قىلىۋاتاتتى،لىكىن تەرەتلىرى سەل بوشىراقمۇ بۈگەن،يا ژۈرەكلىرى ئاجىزمۇ؟!
مەتسىلىم ئاغزىنى ئۆمەللەپ بىرنىمە دىمەكچى بولدىيۇ،گىپىنى يۈتىۋەتتى،ئەينىدىن قېرى بولسا گىپىمنى پىسەنتىگە ئالماستىن،كەينىگە قاراپمۇ قويماستىن تەنە جاۋاپ بەردى:
-ئەغزەمجان،بوسىغۇ سىلىنى يۈدۈپ قاچسام بولاتتى،ئەمدى بايام سىلە دىگەندەك ياش چوڭىيىپ قالدى ئەمەسما،ئۆزىمىزنى ئاران كۆتۈرىمىز!سىلىدەك ۋاقتىم بولسا چوقۇم ھەممىڭلارنى يۈدۈپ ئاچىقىپ قويىتىم!
ئەلى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى،غىققىدە بولۇپ گەپ قىلالماي قالدىم.گەپ چۆگىلەپ يەنە مىنىڭ بىشمغا كىيىلىپ قالدى.ئەگەر ئەلى ئىنىم بولمىغان بولسا بىرمۇش بىلەن 32چىشىنى تولۇق تۆكىۋىتەتتىم سەت ھىجايغىنىغا!
ئەلىنىڭ نوقىشى بىلەن كارىم بولماي ،بارلىق دەردىمنى مەتسىلىمدىن ئالدىم.
-ئاشۇ كەسلەنچۈك جىنمۇ؟!ئاشۇ ئىت جىنمۇ؟!نەدىكى بىنەسىلەردىن قوقاپ،خوتۇن كىشىدەك چىقىرايدىكەنلا!
-خاپا بولمىسىلا،مەن خاتا كۆرۈپتىمەنيا ئەينا،ئەمما راس جىن بار دەيتتۇ باشقىلار!بوۋامنىڭ دىيىشىچە.....
-ئا......قۇرۇق گەپنى تولا قىلمىسىلا!كەيپىمنى ئۇچۇرۇپ!
مەتسىلىم يەنە گەدىنىنى قاشلاپ گەپتىن توختاپ قالدى.