مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mm19910203

مانا بۇنى سېغىنىش دەيمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 08:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇسىزدەك بالىلار نەق كىملىكىنى تونۇيدىغان چاغلاردا ،كىملىك قارشى قۇرۇلىدىغان يەنى كىشىلىك قاراش شەكىللىنىدىغان ئالتۇن ۋاقىتلارنى ناھايىتى يىگانە بىر سىزىمدا ياقا يۇرتلاردا مائارىپ تەربىيىسى قۇبۇل قىلىسىلەر .
  ئامان بۇلۇڭ ئىنىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 08:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Umidim يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 07:27 PM
تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق ، باشتىن كەچۈرمىگەنلەر مى ...

سىزنىڭمۇ قاملىشىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 08:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى يېزىپسىز! گەرچە مەن ئىچكىرى تولۇقتا ئوقۇمىغان بولساممۇ ئالى مەكتەپنى ئىچكىردە ،ھېچقانداق تونۇشۇم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇۋاتقان بولغاچقا،بۇ خىل غېرىلىقىنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشنىمەن.كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ كەتتى. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشى بولغاچقا ناھايتى چىن چىقىپتۇ.ئاپىرىن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
heslirim + 11 سىزگىمۇ ئاللاھ سەۋىر .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1422
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 09:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Umidim يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 07:27 PM
تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق ، باشتىن كەچۈرمىگەنلەر مى ...

ھەقىقەتەن تولۇقلىما بوپتۇ !
ئەمدە مەن گەپ قىلمىساممۇ بولار قىرىندىشىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 10:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتقا بولغان سېغنىش ئادەتتىكى سېغىنىش قا ئوخشىمايدۇ جۇما

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 536
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9300
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇشبۇ شېئرىڭىز قەلبىمنى نەمدەپ
سېغىنىش دېگەن شۇنداق ئىكەن دەپ
مەنمۇ قاتاي بىر ئىككى ئېغىز گەپ
(گاچىنىمۇ سۆزلىتەركەن دەرت)

قوڭغۇراق تېخى چېلىنماستىلا
چىقىپ بولار قوشۇق قوللارغا
جىرىڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ
يۈگۈرىمىز ئارقا ئىشىكتىن
بىربىرى بىلەن بەسلەشتىمۇ دەڭ
ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرىمىز بىر دەم
تۇڭگان ئۇستام ئەتكەن تاماقلار
سېغىنىش بىلەن ئوخشار ھەم بۇدەم
كۈندە ئىككى ۋاق گۈرۈچ تامىقى
(ھازىر ئايدا بىرەر ۋاق بارمىكى)
قولدا قوشۇق كۆزىمىز توپتا
تىكىشىپمۇ ئۈلگۈرىمىز ھەتتا
راكىتا، قۇياش، ئوت كوماندىسى
قايسىسى يامان قايسىسى ئۇتار
چۈشلۈك دەممۇ توشار بىر پەستە
كۆزلەرنى يېرتىپ ئاچىمىز تەستە
ھۆل بوپ كىتەر ئۈستەلنىڭ يۈزى
باش، بىلەكتىن ئاققان شۇ تەردە
مېڭىپ تۇرسىمۇ شامالدۇرغۇچ
كار قىلماس بۇ يەرنىڭ ئىسسىقىغا
ئەمما قىشتا
               نەم سوغاقتا
بوش قويماي ئون مىنۇت ئارامنىمۇ
ئوينايمىز پالاق توپنى پۇتبول قىلىپ
راسا بىر پەس قىزىۋالىمىز
ئەمدى دەرستە توڭماي ئولتۇرىمىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dostum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 11:07 PM  


بەرگىن سېنى سۆيگەنلەرگە تەبەسسۇم، دۈشمىنىڭگە قالدۇر ئاھۇ-ھەسرەتنى.   قايرىپ قويۇپ ھەرخىل سەۋەب،قىسمەتنى، بېغىشلىغىن دوسىتلىرىڭغا قەلبىڭنى. _ بىرۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105277
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:11:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆگىنىڭ مازا بىلەن نېمە ئىششى  دەپتىكەن كونىلار..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105749
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاسلا قالدىم يىغلاپ سالغىلى   

ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4131
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  تەسىرلىك يېزىپسىز

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10306
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2982 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 12:23:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر ، قەشقەر ۋوگىزالىدا شۇ يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭدى . ئۇ چاغدا مەن 15 ياشتىن سەل ئاشقان ئىدىم ، بىزنىڭ سىنىپتىن 17 بالا بار ئىدۇق . چامدان سومكىلارنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ تۇرىشىمىزغا پويىز مېڭىپ كەتتى ، ئانام،دادام ئاچام ۋە ئاكام ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلاتقىلى تۇرۇپتۇ ، ئانام يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىشىم بولغاچقا شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ، پويىزدىكى ھەممە بالىلار خېلى ۋاققىچە يىغلىشىپ ماڭغانتۇق .
شۇنداق قىلىپ ئۆمرىمدەتۇنجى قېتىم پويىزغا چىقىپ بىر كېچىنى شۇنداق تەستە ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىگە كەلدىم ، ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈن تۇرۇپ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بىز شۇنچە ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە كەلدۇق .


ھەر يىلى قۇربان ھېيىت رۇزا ھېيىت كۈنلىرى ئۆينى شۇنداق سېغىناتتۇق ، تۇنجى يىلى قۇربان ھېيىت كۈنى ئۆيگە تېلېفۇن قىلىپ يىغلاپ كەتكەنتىم .

شۇ بىر يىلنى قانچە تەستە ئۆتكۈزگىنىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. بىز مەكتەپكە كىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا ئۆيگە قايتىشقا 304 كۈن قالدى دەپ تەتۈر ساناشقا باشلىغان .
مەكتەپنىڭ تامىقىغا كۆنەلمەي ئاشقازىنىم بۇزۇلۇپ بەك قىينىغان مېنى .
ھەممىمىز كىچىك بولغاچقا ھەم تۇنجى قېتىم ئۆيدىن بۇنچە ئۇزاق ئايرىلغان بولغاچقا ئاخشاملىرى توختىماي مەھەللىدىكى ئۆيدىكى ئىشلارنى ئېيتىشىپ كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزاتتۇق
دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بېرىۋېتىپ ئۆزىمىزمۇ تۇيمايلا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كېتەتتۇق ، مۇئەللىملەر چۈشىنەلمەي تۇرۇپ قالاتتى. سىنىپتا ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىپ باقمىغانلاردىن ئون نەچچىمىز بار ئىكەنمىز (مەن ئېنگىلىز تىلىدا نەچچە ھەرىپ بارلىقىنىمۇ بىلەي بارغانتىم ) ، باشقا بالىلار خېلى سەۋىيەدە ئىكەن ، بىز ئېنگىلىز تىلى دەرىسىدە ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ئىچىمىز سىقىلىپ ئولتۇرشاتتۇق .

2008-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر ۋوگزالغا كەلگەندە ئۆيدىكىلەرنى كۆرۈپ يىغىلاپ كەتكەنتىم .
.
.
.
.
.
شۇنداق قىلىپ ئىچكىردە تۇرىۋاتقىلى ئازغىنە كەم يەتتە يىل بولاي دەپتۇ ، بۇ تەرەپكە كۆنۈپمۇ قاپتىمەن  ، كۆنمىسەممۇ نېمە ئامال ؟ ئاللاھ خالىسا كېلەر يىلى 7-ئايدا ئوقۇش تۈگەپ شىنجاڭغا قايتىمەن ، شىنجاڭدىن ئىككىنجى مۇساپىر بولۇپ چىقماسلىققا قايتىمەن .

مۇساپىرنىڭ دەردىنى پەقەت مۇساپىرلا چۈشىنىدۇ . بىزنىڭ بىر تال نان ، بىر قاچا ئىسسىق سۇيۇقئاش بىر تەخسە لەغمەننى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمىزنى ، دادا-ئانىلىرىمىز بىلەن نەچچە مېنۇت تېلېفۇندا پاراڭلىشىشقا قانچىلىك تەشنا بولىدىغانلىقىمىزنى ، كوچىلاردا تىجارەت قىلىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇرنى كۆرسەڭ كۆڭلىمىزنىڭ قانچىلىك يايراپ كېتىدىغانلىقىنى ، مەۋسۇم ئاخىرىدا ئۆيگە قايتىدىغان بېلەتنى ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىك قىينىلىدىغانلىقىمىزنى ، بېلەت تۈگەپ كېتىپ ئورۇنسىز بېلەت قالغاندا 30 نەچچە سائەت ھەتتا 50 سائەت ئورۇندۇقسىز بېلەتتە ئۆرە تۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىدىغانلىقىمىزنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپمۇ يىتەلمەسلىكى مۇمكىن .

بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىچكىردە جاپا چىكىۋاتقان سەبداشلىرىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئۆگىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 12:26 AM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش