ogdulmux يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 07:39 PM
مەن بۇ تىمىگا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمىدىم . ئى ...
مەنمۇ شۇنداق دەي دەپ تۇرغان تېخى . بۇ سۈرەتلەرنى باشتا كۆرگەندە مەنمۇ باشقىچە ھاياجانلانغان ئىدىم. كېيىن ئويلىسام بەزىلىرى ھەقىقەتەن چېنىپ قاپتۇ . ئويلىغىنىمنى دەپ باقسام :
ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ھابىلنىڭ قەبرىسى . نوھ ئەلەيھىسالام زامانىسىدا زىمىنغا توپان بالاسى چۈشۈپ پۈتكۈل يەرشارى سۇغا باستۇرۇلغان، ھەم شۇ سەۋەبلىك پۈتكۈل يەرشارىدىكى قىتئەلەر ئاجراپ ھەر جايلارغا چېچىلىپ زىمىننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن . مۇشۇنداق ئەھۋالدا نوھنىڭ ئەلەيھىسالامدىنمۇ بۇرۇن ياشىغان ھابىلنىڭ قەبرىسى قانداقسىگە تېپىلىدۇ .ئەڭ ئىشەنمىگىنىم مۇشۇ
.يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ سەللىسى ،مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ھاسسىسى قانداقسىگە ھازىرغىچە ھېچنىمە بولماي شۇ پېتى ساقلىنىپ قېلىنىدۇ . ئۇلار بولسا مىلادىيەدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا ياشاپ ئۆتكەن ، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى شۇنچە ئۇزۇن دەئۋەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ئېزىپ كەتكەن . ھەتتا مۇسا ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتمۇ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن تۇرسا ئۇلارنىڭ سەللىسى، ھاسسىلىرى ساقلىنىپ قاپتۇ.
لۇت ئەلەيھىسالامنىڭ قەۋمى ئاللاھنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچراپ زىمىن دۈم كۆمتۈرۋەتكەن ۋە زىمىننى سۇغا غەرق قىلىغان. بۇلارنىڭ ھازىرقى ئورنى دەل ئۆلۈك دىڭىز . ئالىم ئۆلۈك دېڭىزنىڭ تېگىدىن كۆيۈشچان تاشلارنى بايقاپ چىققان .
ئەلۋەتتە بىز ھەممىمىز ئاللاھقا ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ، كىتابلرىغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ، پەرىشتە مالائىكىلىرىگە ، قازا قەدەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز . لېكىن ھەرگىز قارىغۇلارچە »مۆجىزە«لەرگە ئىشىنىپ باشقىلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايلى. خاتا سۆزلىگەن جايلىرىم بولسا ئاللاھ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلسۇن