|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئويۇن ھەۋەسكارلىرى، ئۇچقۇچى بولۇش ئارزۇسى بار تورداشلار ئۈچۈن تەقلىدىي ئۇچۇش ئويۇنى <<جەڭ گۈلدۈرمامىسى>>(战争雷霆)نى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. ياقتۇرساڭلار چۈشۇرپ ئويناپ باقساڭلار بولدۇ.
<<جەڭ گۈلدۈرمامىسى>>(战争雷霆)ئويونى 2013.يىلى روسىيە ئىشلىگەن بولۇپ بۇ ئويۇن 2.دۇنيا ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولۇپ،تەقلىدى ئۇچۇش ئويۇنى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئويۇن پۈتۈنلەي 2.دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھاۋا ئۇرۇشىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئوينىغۇچىلارغا راست ئايروپىلان ھەيدەۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئويۇن بولسا تور ئويۇنى بولۇپ،سىز ئاۋۋال چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرىڭىزغا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئويۇننى ئىشلىگەن باش تور بىكەتكە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرىسىز،ئاندىن ئويۇنغا كىرىپ ھەقىقىي ئۇچۇشنىڭ ھوزورىنى ئازراق بولسىمۇ سۇرەلەيسىز. ئەمسە تونۇش تۇرۇشنى باشلىدىم.
1.ئويۇننى چۈشۈرۈش
سىز ئاۋۋال http://www.douxie.com/zt/zzlt/غا كىرىپ مەشخۇلات كۆرسەتمىسى بويىچە ئويۇننى چۈشۈرىسىز.(بۇ تور بىكەتتە ئويۇن تىلى خەنچە بولۇپ جەن تىلىدىن ئازراق ساۋادى بارلار ئوڭايلا چۇشۇرەلەيدۇ) ياكى بولمىسا http://warthunder.com/en/غا چىقىپ چۈشۈرسىڭىزمۇبولدۇ،ئەمما بۇ تور بىكەتتە ئويۇن تىلى ئېنگىلىزچە.
خوش ئەمدى چۈشۈرۈش مەشخۇلاتىنىڭ رەسىملىك ھالىتىنى كۆرۈپ باقايلى
دەسلەپتە ئويۇن باش بېتىگە چىقسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە بولدۇ
ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قىزىل سىزىقتا بوياپ قويغان يەرنى بېسىپ چۈشۈرىسىز
قىزىل سىزىقتا بويالغان يەرنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ھالەت كۆرۈنىدۇ
ئاندىن خالىغان چۈشۈرگۈچتىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈشكە باشلىسىڭىز بولدۇ
چۈشۈرۈپ بولدىڭىزمۇ؟ ئەمدى كومپىيوتېرغا قاچىلاشنى باشلايمىز.(ئېسىڭىز دە بولسۇن تور سۈرئىتى ئاستا بوپ قالسا سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭ ياكى تور كۆرگۈچ چۈشۈرۈڭ،مەسىلەن360تور كۆرگۈچى دىگەندەك)
2.كومپىيوتېرغا قاچىلاش
تۆۋەندىكى مەشخۇلات كۆرسەتمىسى بويىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارىمىز(بۇ مەشخۇلات كۆرسەتمىسىhttp://warthunder.com/en دىكى ئويۇن باش بەت ئادىرىسىدىكى چۈشۈر ۋە كومپىيوتېرغا قاچىلاش جەريانىنىڭ رەسىملىك كۆرسەتمىسى)
ئالدى بىلەن ئويۇن باش بېتىنى ئاچىمىز( يەنى:http://warthunder.com/en)
تۆۋەندىكىدەك ھالەت ئېچىلىدۇ
ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆك رەڭلىك رامكا ئىچىدىكى خەتنى باسىمىز
باسقاندىن كىيىن ئىلىكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى ئارقىلىق تىزىملىتىمىز،(ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ چ چ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانما ئادىرىسىڭىزنى ئىشىلتىڭ)
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ھالەت چىقىدۇ
ئۈستىدىكى ئىسىم دىگەن يەرگە سىز ئويۇندا ئىشلەتمەكچ بولغان ئويۇن ئىسمىڭىزنى كىرگۈزىسىز،ئاستىغا ئىىكتىرونلۇق پوچتا يوللانما ئادىرىسىڭىزنى يازىسىز،ئاندىن دەلىللەش نۇمۇرىنى بېسىپ،ئاستىدىكى سىتىرىلكا ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن رامكىنى تاللايمىز،ئاندىن ئاستىدىكى Play for Freeدىگەن سىتوننى باسىمىز.مەشخۇلات تۈگىگەندە سىزنىڭ چ چ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىڭىزغا بىر پارچە يوللانما كېلىدۇ،يوللانمىدا ئويۇن چۈشۈرۈشتە ئىشىلتىدىغان نۇمۇر ۋە مەخپى نۇمۇر بار، ئامال بار چ چ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىڭىزدىكى كېرەكسىز ئۇچۇرلارنى يۇيۋېتىڭ،ئەمما ھەرگىز سىزگە ئەۋەتىلگەن نۇمۇر بىلەن مەخپى نۇمۇرنى يۇيۋەتمەڭ.
ئاندىن تۆۋەندىكى مەشخۇلات كۆرسەتمىسى بويىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارىمىز
يۇقارقى رەسىمدىكى چۈشۈرۈش دىگەن سۆزنى چېكىپ چۈشۈرىمىز،ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ھالەت كۆرۈلىدۇ،
ئۈستىدىكى يېشىل رەڭدە بويالغان رامكىغا سىزگە ئەۋەتىلگەن نۇمۇرنى، ئاستىدىكى رامكىغا مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزىسىز؛ئاندىن بايا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتنى ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك مەشخۇلات ئېلىپ بارىمىز.
ئاندىن مەشخۇلات تىلىنى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك تاللايمىز،ئاندىن قاچىلاشنى باشلايمىز،ئېسىڭىزدە بولسۇن ساقلاش يولى خەن تىلىدا بولماسلىقى كېرەك،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى باشلاش(finish)كونۇپكىسىنى باسىمىز،بۇ ۋاقىتتا تولۇق قاچىلىۋاتقن بولدۇ،ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ھالەت كۆرۈلىدۇ
بۇ ھالەت ئويۇننىڭ مۇناسىۋەتلى ھۆججەتلىرىنىڭ تەھلىل قىلىنىۋاتقان ھالىتى بولۇپ سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاش كېرەك،ئاستىدىكى بوش رامكا قىزىل رەڭگە كىرىپ ئاستى ئوڭ تەرەپتە باشلاش كونۇپكىسى قىزىل رەڭدە يورىغانغا قەدەر ساقلايسىز، قاچىلىنىپ بولۇپ باشلاش دىگەن كونۇپكا قىزىل رەڭدە يورىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئويۇن تىلىنى تاللايمىز تىل تۈرنى تاللاش رامكىسىنى باسساق بىرنەچچە دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ۋە يېزىقى چىقىدۇ،شۇنىڭ ئارىسىدىن خەن رتىلىنى تاللاپ ئويۇننى باشلىساق بولدۇ.
ئويۇن باشلاندى ئەمدى سىز ئۇچقۇچى بولدىڭىز،ئەمما ھازىر يەنە بىر باسقۇچ كەم قېپ قالدى ئۇ بولسىمۇ ئويۇن باش بېكىتىگە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش،تۆۋەندىكى قىسقا كۆرۈنىش سىزگە قانداق قىلىپ تىزىملىتىشنى ئۈگىتىدۇ،دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى سىز تىزىملىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم تور كۆرگۈچ چۈشۈرىشىڭىز كېرەك بولمىسا تور سۈرئتىنىڭ ئاستىلىقىدىن ئىچىڭىز سىقىلىپ كېتىدۇ،شۇ ئاچچىقىڭىزدا ئامراق كومپىيوتېرىڭىزنى چېقىۋەتسىڭىز مەن تۆلىمەيمەن جۇمۇ
ئەمدى بىرلىكتە تىزىملىتىشنى ئۈگىنەيلى
http://v.766.com/play?infoid=XNjE2NTk2ODU2
تىزىملىتىشنىمۇ ئۈگۈنۈپ بولدۇق ئەمدى سىز ئويۇنغا كىرىپ ئوينىسىڭىز بولدۇ،ئويۇنغا ئۆزىڭىزنىڭ يۇقارقى ئۈگۈتىلمىدە ئۈگەتكەن چ چ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا ئادىرىسىڭىز ۋە ئورناتقان مەخپى نۇمۇر بويىچە كىرىسىز،ئويۇنغا دەسلەپ كىرگەندە دۆلەت تاللاش رامكىسى چىقىدۇ،ئويۇندا جەمئى 5 دۆلەت بولۇپ ئۇلار:گېرمانىيە،ئامېركا،سوۋىت ئىتىپاقى،ياپونيەۋە ئەنگىلىيە.سىز خالىغاننى تاللىسىڭىز بولدۇ،تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئېكران ئاستىدا سىز تاللىغان دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئايروپىلانلىرى كۆرۈنىدۇ،سىز ئېكران ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ئويۇنغا كىرىش كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئويۇنغا كىرىپ ئوينىيالايسىز،تۆۋەندىكىدەك
ئويۇنغا كىرىپ تازا كۆنەلمىگگنسىز ھە، ئەمما كېرەك يوك ئاستا ئاستا كۆنۈپ قالىسىز،تۆۋەندە يېڭى ئۇچقۇچىلارغا قىسقىغىنە ئۈگۈتىلمە بار كۆرۈپ ئۈگىنىۋالغاندىن كىيىن سىزمۇ ئۇستا ئۇچقۇچى بوپ كېتىسىز
http://17173.tv.sohu.com/v_1_11648/MTQ4OTM4OA.html?t=1.073#SOHUCS
ئازراق بولسىمۇ ئۈگىنىۋالدىڭىز ھەقاچان،ئەمدى ئويۇننىڭ ئىچىدە يېڭى ئۇچقۇچىلارغا ئۈگۈتىلمە بار كۆرسەتمە بويىچە مەشخۇلات ئېلىپ بېرىپ ئۈگىنىۋالسىڭىز بولدۇ، ئۈگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئويۇنغا ھۇررا
ئويۇن جەريانىدا ۋەزىپە تاماملىسىڭىز سىزگە ئويۇندا ئىشىلتىلىدىغان ئويۇن پۇلى بېرىلىدۇ،بۇ پۇل ئارقىلىق يېڭى ئايروپىلاننى قوراشتۇرغىلى،ئايروپىلانىڭىزنى سىز خالىغان رەڭدە سىرلىغىلى بولدۇ،ھېلىقى ئامېركىنىڭ ئۇرۇش كىنولىرىدىكىدەك سىرلىۋالىسىز
قالغىنىنى ئويۇن ئىچىدە 知识百科دىگەن يەر بار شۇ يەرنى بېسىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالسىڭىز،بىلمىگەننى بىلىۋالسىڭىز بولدۇ،رەسىمدىكىدەك
ئەمدى ئويۇنلارنىڭ تەشۋىقات رەسىملىرى ۋە قىسقا فىلىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى
http://my.tv.sohu.com/us/118787640/61163221.shtml
قانداق پەيزىمىكەن، ئويناپ باقسىڭىز تېخىمۇ پەيزى،ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ ئويۇننى بەك كۆپ ئوينىماڭ بولمىسا بېشىڭىز قايىدۇ،بۆشۈكتە ئۇززاق ياتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا
كۆزىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ،ساغلاملىق ھەممىدىن مۇھىم، تونۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە،ئەگەر ياقتۇرۇپ قالسىڭىز رەھمەت دەپ قويۇشنى ئۇنتىماڭ،چۈشۈرەلمىسىڭىز مېنى تىللىماڭ جۇمۇ
يۇقارقىلاردىن باشقا ئاددى ھەم قۇلايلىق چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇللىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويىمەن.
مەنبە:بەيدۇ تورى،سىنا تورى،سۇمرۇغ تورى،warthunder تورى،
ۋە ئۆزۈم،.
تەرجىمە قىلىشتا بەك قىينالدىم، مۇمكىن بولسا تورداشلار بۇ ئويۇننىڭ نامىنى ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار،باشقۇرغۇچى ئەپەندىمنىڭ تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، مۇنبەر مەشخۇلاتىغا چولتا بولغاچقا بەك قىينالدىم.
يېڭى ئەزاHLBدىن.
|
|
|
|
|
|