دائىملىق ئــەزا
شىخودىكى چىغلىق كەنت مەھەللىسى ئۇيغۇر ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاساسلىق قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ بىرى . ئادەتتە 1 –ئەترەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باشقا قوشۇمچە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . مېنىڭ ھاياتىمىنڭ ھازىرغىچە بولغان يېرىم بۆلىكى خەلقى ئاقكۆڭۈل ، مېھماندوست ، توي –مەرىكىلىرى ئۆزگىچە قىزىيدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋېي ئۆرپ – ئادەتلىرى خېلى ياخشى ساقلانغان ، تەبىئەتنىڭ ئەسلى گۈزەللىگى يوقالماي ساقلىنىپ قەلبىمدە بىر ئۆمۈر ئەسلىگۈدەك مەزمۇنلارغا تولغان بىر سۆيۈملۈك ماكاندۇر .
بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزنىمۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى سۆيۈملۈك دېھقانلار خالس ياردەملىشىپ سېلىۋەتكەنىدى . ( بۇنداق ھەقسىز ياردەم پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ بۇ مەھەللىدە بۇنداق خالىسانە ئەمگەكلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق .) مېنىڭ بالىلىقىمنىڭ مەزمۇندار بابلىرى دەل مۇشۇ مەھەللىدە يېزىلغانىدى . ئۇ چاغلاردا پۈتۈن مەھەللىدىكى بالىلار بىرلىشىپ كالا باقاتتۇق . ھازىر ئويلىساممۇ شۇ كۈنلەرنىڭ لەززىتى قەلبىمنى ئاجايىپ ھېسلارغا چۆمۈلدۈرىدۇ . چۈشلۈك يەيدىغان يېمەكلىكلىرىمىزنى ئېلىۋېلىپ سەھەردىلا بىر – بىرىمىزنى توۋلىشىپ مەھەللىمىزنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى لاڭۋازىگۇ ( بورە ئۇۋىسى بار جىلغا ، ئىلگىرى چوڭلاردىن شۇنداق دېيىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم ، شۇڭلاشقا شۇ پېتى ئالدىم . ) دېگەن يەردە باقاتتۇق . مەن ئۇ جىلغىغا تۇنجى قېتىم بارغاندىكى تۇرقۇمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن . دۆڭدىن پەسكە شۇنداقلا قارىسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا بىر يېشىللىق دېڭىزى زاھىر بولاتتى . كالىلار ئالدىمىزدا ماڭغاچمىكىن ئۇلار چۆپ ھېدىنى يىراقتىنلا سېزىشىپ يۈگۈرۈشۈپ يېشىللىققا ئۆزىنى ئاتاتتى . ياپيېشىل چۆپلەرنىڭ بويى كالىلارنىمۇ چۆكتۈرۋېتەتتى . ئاستى ساسلىق ، بۇلاقلار بولغاچقا خەتەرلىك كۆزلەرگە چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشلارنىمۇ كۆرەتتۇق . ئاندىن ھەممىمىز يېمەكلىكلىرىمىزنى ئورتاق يەيتتۇق . ھازىرقى ھەپتىلەپ زور شتانكىلاردا قازسىمۇ سۇ چىقمايۋاتقان قۇدۇقلارنى كۆرگۈنۈمدە ئىككى قولىمىز بىلەنلا 20 ، 30 سانتېمىتىر قېزىپ بولغىچە سۈپسۈزۈك ، مۇزدەك سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان شۇ يەرلەرنى ئويلىسام شۇنداقلا ئەشۇ يەرلەرنىڭ ھازىرقى تۇرقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆزلىرىمگە ياش ئالغىنىمنى بۈگۈن ئېيتىۋاتىمەن . ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان كەسلەنچۈك ، يىلانلار ، بەسلىشىپ يىلان ئۇۋىسى بار يەرلەرنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ تۇلۇق تاشلىغان قاسراقلىرىنى يېغىپ بولغاندىن كېيىنكى ياكى چوڭراق يوللارغا چىقىپ قالغان يىلانلارنى قورقماستىن ئۆلتۈرۋېتىپ مەغرۇرلىنىشىمىز ، ئېگىز جىلغىغا قوزۇق قېقىپ ئارغامچا باغلاپ يامىشىپ چىقىپ قۇش بالىلىرىنى كۆرۈش ، چۇڭقۇر ئېرىق سۈيىدە ئېقىپ يۈرگەنلىرىمىزدە يېنىمىزدىنلا باشلىرىنى چىقىرىپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان يىلانلارغا بولغان قورقۇمسىز ھالىتىمىز ، يىلانلار چېقىۋالسىمۇ بالىلارنىڭ دەرھاللا بىر-بىرىنىڭ چىشلىۋېلىنغان يەرلىرىدىكى قانلىرىنى شۈمۈرۈپ ، تۈكۈرۈپ تاشلاپ ، لاي سۈركەپلا ساقايتىۋېتىشلىرى،كالىلارنىڭ قانداق چۆپلەرنى يېسە ئاسان تويىدىغان – تويمايدىغانلىقى ، كالىنىڭ مېڭىشىغا قاراپلا تويغان – تويمىغانلىقىنى بىلىش ، كالا بەدىنىگە چاپلىشىۋالغان كانىلارنى ئاغرىتماي ، جاراھەتلەندۈرمەي يوقىتىش ، قايسى يەرنى قازسا سۇ چىقىدىغانلىقى ، قايسى كالىنىڭ نەسلىنىڭ ياخشى – يامانلىقىنى ئايرىش نۆۋەتلىشىپ كالا توسۇش ، يىغىش ،( ئالي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان بالىلارنىڭ كالىلىرىنى خالس بېقىپ ، توسۇپ قويۇش ،) قايسى چۆپلەرنىڭ كالا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئايرىشتەك بىر قاتار چارۋا بېقىش ساۋاتلىرىنى ئۆزلىكىمىزدىن ، بىر – بىرىمىدىن ئۆگىنىپ بىلىۋالغان . تازا ئۇسساپ كەتكەنلىرىمىزدە ئىزدەشتۈرۈپ يۈرۈپ يىغىلىپ قالغان سۇلارنى غورتۇلدۇتۇپ ئىچىۋېتىپلا يوللىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرەتتۇق . ئەنە دوستۇم ياسىنجان ، خېلىل مۇئەللىم ، ئابابەكرى مۇئەللىم ، روزاخۇن ياسىن، باشقىلاردىن ئابدۇقېيىم ، يۈسۈپ ، قۇربان ،ئابدۇغېنى ، شەمشىدىن ، روزاخۇن تۇردى ، ئابدۇسالاملارنىڭ نۇرغۇن ئۇنتۇلماس كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگىنىمىز ، ھازىرمۇ يىغىلىشلىرىمىزدا شۇ چاغلاردىكى ئىتتىپاقلىقىمىز ، ھەمكارلىقىمىز ، بىر تۇرۇبىنىڭ سۈيىنى تالىشىپ ئىچىشىپ (ئۇ چاغدا ئەترەتنىڭ قازدۇرغان قۇدۇقىنىڭ سۈيىنى بىللە ئىشلىتەتتۇق ، كالىلىرىمىزنى سۇغۇراتتۇق .) چوڭ بولغانلىقلىرىمىز سۆھبەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ قىزىيدىغان ، مەزمۇندار جايلىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىزگە ئايان . قەلبىدە ئۇنتۇلماس بالىلىقى بولغان ئادەمنى بەختلىك ئادەم دەيمىز ، بىز ھەقىقەتەنمۇ چىغلىق مەھەللىسىنىڭ بەختلىك ئوغلانلىرى بولۇپ يېتىلدۇق . بۇ يەردە ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ شادلىق كۈلكىلىرى بار ، قايغۇ – ھەسرەتلىرى بار ، جاپادىن كېيىنكى راھەتلىك كۈنلىرىنىڭ كۈلكىلىرى ، ھەر بىر ئېتىز يوللىرىدا ئۇنتۇلماس ئىز ، يارقىن سىيمالىرى بار . ئىزىنى بېسىپ مېڭىۋاتقان جەڭگىۋار ئەۋلادلىرى بار . مېنىڭچە « 1 –ئەترەت دېگەن » دەرىجە سۈپەت مەنىسىدىكى قويۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان مەھەللە ئىسمىدىن ئەزەلدىنلا جۇغراپىيىلىك ئورۇن ، مۇھىتىغا ئاساسەن قويۇلغان « چىغلىق كەنتى » دېگەن مەھەللە ئىسمى تولىمۇ يېقىشلىق دەل جايىغا چۈشكەن قەدىمىي ، خاسلىقىنى ساقلىغان ئىسم ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايمەن . ھەم ئېغىز تىلىمىزدىمۇ ھەر ۋاقىت شۇنداق ئاتىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئويلاپ باقسام بىر قانچە مەھەللىدە ياشاپ چوڭ بولۇپتىمەن . ئەلۋەتتە « چىغلىق كەنت مەھەللىسى » توغرىسىدىمۇ بىرەر ئەسلىمە (گەرچە تولۇق دېگىلى بولمىسىمۇ ) يېزىپ قويۇشنى ھاياتلىق قەرزىم دەپ ئويلاپ بۇ پارچىنى يازدىم . ئەي چىغلىق مەھەللىسى مەن سەن تەرەپكە ماڭدىم ...
مەنبە : بالىلىق ئەسلىمىلىرىم ، شەھىرى شىخو . 2014.5.1.
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
"/ئارتۇق گەپ
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ