مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: apsana-977

تۈن دەرىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئارتۇق ئۆلۈم ھەققىدە غەزەل






ئۆلۈمنىڭ ئىككى پۇتى بار

بىرسى كۈندۈزدە ماڭغانلىقى ئۈچۈن ئۆلگەن ،بىرسى ئىككىلەنگەندىلا ئۆلگەن

سۆزلەر ئارا ئۆلىمەن

تېنىم كوچا ئاپتۇبۇس

روھىم ئاممىۋىي باغچا

تۆت كوچا ئېغىزىدىن باشلانغان مېنىڭ ئىستىكىم

ئەقىل مېۋىسىنى يەپ نېمىشقا ئۆلمىدىم ؟

بارلىق ئۆلۈملىرىمگە ھازا ئېچىپ بولغىلى نەۋاخ

ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆلىمىم بار،ئويسىزلىققا پاتقاندا ئۆلىمەن ،ئويسىزلىقتىن تۇغۇلىمەن ...






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئورتاق تىل دەپ ئاتىلىدىغان





بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قاتناش چىراغلىرىنى ئىشارە قىلار

شوپۇرلار بۇ قائىدىنى چۈشىنىدۇ

ئەي،ئېچىلمىغان يول ...

ماشىنا چاقىدىن ئۆرلەۋاتقان توزان ۋە كۈز خازانلىرى

ئىچىمىزگە دەسسەۋاتقان ئىنتىزارلىق پېئىللىرى

كۈتۈش ئەۋجىدە قۇرۇپ تۇرغان لەۋ

ئالاقە ئورنىتىشنى ئىستەيمىز

دېئالىكىتتا ئولتۇراقلاشقىنىمىزغا ئۇزۇن يىللار بولدى

ياسالما سۆزلەردىن زىرىكتۇق

ئەي،كەلمەمسەن تەقەززالىقىمىزنىڭ تۈپ سۆزلىرى

جۈپ سۆزلەرنى ئايرىۋەتكەن سەن كىم ئىدىڭ ؟

تاق يۆلىنىشلىك يوللاردا كۆزىمىز تالدى

ئەي،بۇغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسىنى قانداق تۈزگەن بولغىيتتىڭ ؟

سېنى ئوقۇيالماي يانجىلماقتىمەن ...

جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئارا قىينىلىمەن

ئەي تاۋۇشلار ماسلىشىش قائىدىسىگە چۈشمەيدىغان سۆز !

ساڭا ماسلىشىپ كېلىمىز بىراق سېنىڭ ماسلاشقىنىڭنى كۆرمىدۇق

ساڭا ئاجىزلىشىمىز بىراق سېنىڭ ئاجىزلاشقىنىڭنى كۆرمىدۇق

ئۇرغۇڭنىڭ تەكتىدە ئولتۇرىمىز ،سېنى ئوقۇشنى ئويلاپ ...

ئەي، ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرمىگەن سۆزلەر !!

يېپىق بوغۇم بىلەن ئاخىرلىشىسەن

ئېچىلغىنىڭنى بىلمەيمىز

لىكسىكىدا ئولتۇرىمىز (مەمنۇنىيەت قەدەھلىرىنى غەمگە تولدۇرۇپ)

ئەي،ئەسلى مەنەڭنى بىلسەك بولاتتى ،جانان ،كۆچمە ئىشىككە قاراپ كۆزلىرىمىز تالدى

قارمۇ -قارشى مەنىلىك سۆزلەر ئارا ئويلىنىپ ئازدۇق

ئەي،بىزنى ئورتاق تىلغا چاقىرغىن ،جانان

ئاللاھنىڭ شەرىقىدە ،جەننەتنىڭ غەرىبىدە

كۈندۈزنىڭ سولىدا ،كېچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە

ئاقىلىقنىڭ ئۈسىتىدە ،قارىلىقنىڭ ئاستىدا

ئاز-تولا گۈل بار قاناۋاتقان ...

ئەي، تۇراقلىقلىقتىن چىقىپ كەتكەن سۇيۇق جانان

بىز سېنى قايسى تەرەپتىن تۇتىۋىلىشنى بىلمىدۇق

پالتا چۈشكىچە ئۇيقۇسىز قالىدىغانىلىقمىزنى بىلىمىز

ئەي، تىلىمىز مىلتىققا ئايلاندى

بۇ سۆز ئوقلىرىنى قەيەرگە ئېتىشنى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن

كۈندۈزنىڭ كۆكسگە تىرىدۇق ...

مورفىمىغا قوپقان كۆلەڭگە

بىزسېنى قات-قېتىدىن ئاجرىتىپ ئۆزىمىزنى كۆرۈشنى ئىستەيمىز

ياردەمچى سۆزلىرىمىز بىلەن مۇستەقىل سۆزلىرىڭگە سالام يوللايمىز

بىراق سەن ﺋﯩﺴﯩﻢ، ﺳﯜﭘﻪت، ﺳﺎن، ﻣﯩﻘﺪار، ﺋﺎﻟﻤﺎش، رەۋﯨﺶ، ﭘﯧﺌﯩﻞ، ﺗﻪﻗﻠﯩﺪسىزلا بىزنى ئازابلايسەن

سېنى قانداق چاقىرىشنى ئۇقمايمىز ،چۈنكى چاقىرساق ھەم چاقىرمىساق ئوخشاشلا ئۆلىسەن ...

يۈكلىمىلىرىمىز بىلەن سالام يوللايمىز

ئەي،باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانمايدىغان جانان

ئىملىق سۆزلىرىمىز بىلەن سالام يوللايمىز

ھايۋاناتلاردەك گاچا تىلىمىز بىلەن سېنى ئىشارە قىلىمىز

خاس ئىسىم بىلەن ئەمەس تۈردەش ئىسىم ئارقىلىق چاقىرلىشنى ئىستەيمىز

بىراق لېۋىمىزدە تۈن كويزىسى شاراقلايدۇ

ئەي، بىر كىمگە تەۋە ئەمەس گۈل

ئورنۇڭ قەيەردە سېنىڭ ؟

بىرلىك بىلەن ئەمەس كۆپلۈك بىلەن چاقىرىمىز

ئەي، توققۇز كېلىشلىك جانان

قانداق دەپ سۇئال قويىمىز ؟

ئەي، سەۋىرچانلىقىمزنىڭ ئۆپكىسىدە ئولتۇرغان جانان

ئەي، مۇرەككەپ سان

سېنى ساناپ كېتىۋىتپ ئېزىپ كېتىمىز

شۇڭلاشقا سېنى كېچە بىلەن مۆلچەرلەيمىز

كېچە سارغۇچلىقىنى تولدۇرغۇچى سۆزلىرىمىز بىلەن تولدۇرۇشنى ئىستەيمىز

سەۋدانى مېڭ بىر كېچىگە يۆلەپ ھېكايە ئېيتىمىز

ئەي، جاپاكەش قۇرلۇشچىلارمىز

كۆۋرۈك يېرىمىنى

شوتىنىڭ يېرىمىنى

كېچىنىڭ يېرىمىنى مۆلچەرلەيمىز

ئەي، مۆلچەر سانلار دەڭلار

تاڭ ئېتىشقا يەنە قانچىلىك قالدى ؟

ــ ئەتە تاڭ ئاتىدۇ

ئۇلار ھەممەيلەنگە شۇنداق دېيىشسۇن !...





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:32:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوسۇغا


ھېكمەتلەردىن پۇتۇمنى چىقارغىلى نەۋاخ

مەۋجۇتلۇقتىن پۇتۇمنى چىقارغىلى نەۋاخ

كۈندۈزلەردىن پۇتۇمنى چىقارغىلى نەۋاخ

لەۋلىرىڭدىن پۇتۇمنى چىقارغىلى ناۋاخ

يوللىرىڭدىن پۇتۇمنى چىقارغىلى نەۋاخ

...

ئەمدى چىقارمايدىغانلاردىن بىرسلا بار

شۇنى كىرگۈزۈش بىلەن ئاۋارىمەن !...









ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:33:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زەيتۇن شېخى چىشلەپ كەلگەن قاغا ھەققىدە غەزەل


( ئە.ئوسمانغا بىغىشلايمەن )



كېمە چۈشكۈن شامالغا يىتىلەنگەن ئۆچكىدەك ،تۇمان ئىچرە لەگلەك

ئۇنى ئىزدەپ يۈرگەندە قاغا ئۇچراپ قالدى،

سەن مۇنداق دېدىڭ :يۈرۈڭلار،دېڭىزغا بېرىپ تۇز كولايمىز

مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتتىم

سەن ئۇلارغا ( تەنھالىقلا ساڭا يول باشلايدۇ )دېگىلى بولدى 600مىڭ يىل ،ئەمدى ئۇلار مەۋجۇدىيەت قىزى بىلەن ئىششىق –مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلەشكۈدەك بولدى .

سەن بوز قاغا ئىدىڭ

«ئاق قاغا»دىن سىرت سەن بولۇمنىڭ دەرىزىسىدىن جەۋھەرياڭاقلىرىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىڭ

بۇ سېنىڭ تەبىئىتىڭ ،ئوغرىلاردۇرمىز

كۈپنى توشقۇزۇشنى ئىستەيمىز ،ئەمما كۈپنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلىقتىن سىرت ئولجىمىز يوق

مۇشۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن سۆزگە پالاندىڭ

سۆزلەر ئارا سەرگەردانسەن

سۆز لېۋىدىكى تەنھالىقتا



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




بوغۇزۇمغا ياغىدىغان يامغۇر بىلەن





سەھەردە  توختايدىغان ،كېچىگە ياغىدىغان
زىرائەتلەرنى تۆكۈۋىتىدىغان
تورۇسلاردىن ئۆتۈپ كېتىدىغان
ھەمدە كېچىنى لەشكە ئورايدىغان ...
قايغۇلىرىنى توپلاپ كېلىپ ئېتىكىمىزگە تۆكىدىغان
كۈنلۈكلىرىمىزنى سۇندۈرۋىتىدىغان
لەۋلىرىمىزدە مىچىلدايدىغان
كۆكسىمىزنى قاينىتىدىغان
توزانلارنى قوغلايدىغان
بۆرىدىن قۇتقۇزۇپ
يولۋاسقا تۇتۇلدۇرىدىغان
ئاندىن جىمجىتقىنە ئىچىمىزدە يىغلايدىغان
چاقماقلارنى كۆكسىمىزگە تاشلايدىغان
كۆزىمىزنى زۇلمەت بىلەن ئالماشتۇرىدىغان
ئاۋۇ كېچىگە يامغۇر ياغماقتا ...





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:33:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لېۋىمىدىكى كۈز ئارقىلىق




پەرىشان بولىدىغان سۆزلەرنى
خاتىرلىگۈچى قوللارنى
لېۋىمدىكى كۈز ئارقىلىق
ئورتاق كېچىگە چىللايدىغان ئويمەن

گوياكى زۇلمەتنى
لەۋ كېچىسىنى
يار بېلىگە يىغىدىغان
ئومۇملاشمايدىغاننى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىشەممەن

ئۆلۈم چېچىكىنى
ئاخىرقى نەپەس ئالماشتۇرۇشنى
داۋاملاشتۇرىدىغان
بىمارمەن ...

قان تېڭىنى
كارۋان يېزىقلارنى
ئۇدۇل ئاپىرىدىغان مەكتۇپلارنى
ئۇزارتقۇچى
تەنھالىقمەن


تۈن يىپىكىنى
بەڭباش تىللار بىلەن
چۇۋۇۋاتقان ...
تۇزكور مۈشۈكمەن





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:33:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۈش كارۋىتىدا ياشايدىغان



بىر ئايال بار ئىدى ،تىلى كەمتۈك ئىدى
مېنى كارۋىتىغا تىلى ئېچىلغاندا چىقىشىمنى بۇيرۇيىتتى

ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كىتاب بار ئىدى
مەن ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتكەچ ،ئۇ كىتابنى ئوقۇماقچى بولدۇم


ئۇنىڭ تىلى پەقەت كېچىدە ئېچىلاتتى ،مەن كىتابنى ۋاراقلاپ ئاشۇ يەرگە كەلگەندە گۇگۇم چۈشەتتى
شۇنىڭ بىلەن ،مەن كىتابتىن قىيمىغان ھالدا ئۇنىڭ كارۋىتىغا چىقاتتىم

ھالسىزلىنىپ كېتەتتىم -،دە  تىل سۈيى ئېچەتتىم
ئەمدى كىتابى ئوقاي دەپ تۇرسام ،ئۇ يەنە كارۋىتىغا چىللايىتتى

ئەمەلىيەتتە بۇ چۈش ئىدى
كىتابمۇ ئايالنىڭ ئىدى

ئويغانسام ئۇ ئايال كىتابنى تاڭغا تاشلاپ قويمەن دەۋاتقان...
بىراق تا ھازىرغىچە ئويىغىنالمايۋاتىمەن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 06:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9626
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24246
تۆھپە نۇمۇرى: 3846
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:34:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ناخشا




بۇ ناخشا ئىيتىلغاندا، ھەممە ئورندىن قوزغىلار
بۇ ئەلمىساقتىن ھالىقپ كەلگەن ،ھەمدە ئاتا- بوۋىمىز غىڭشىپ باققان ...
بۇ ناخشىنى ئىيتىپ باقمىغان بىر ئادەممۇ يوق ،لىكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمىز
ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاز-تولا قۇيۇن بار ،قەبرىلەردىن مەھەللىگە كىرەلمىگەن
ئۇلار ناخشا تارىخىنى سۆز ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان ،گۇگۇمدا گۈلخان يېىقىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان
بۇ ئومۇمىي خورنى بىلمەيدىغانلار نى قانداقمۇ ئەنئەنەپەرەس دېگىلى بولسۇن ؟
كىپىنەكلەر يارنىڭ بىلىدە ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە
قويلار، بۆرىلەر، قۇشلار ،بۇلۇتلار،دېرىزىلەر،ئۈستەللەر بۇ ناخشىنى ئىيتقاچ ئۇسسۇلغا چۈشتى
ئەمدى ناخشىنى توختاتساڭ بىز  قانداق قىلىمىز ...؟




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 02:22:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقىۋېلىپ ئاندىن ئالدىرىماي ئوقۇي. گۇڭگا شېئىرلارنى چۈشەنمەك قىيىن.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش