ABC001 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 12:01 AM
90-يىللىرى2000-يىلنىڭ باشلىرىدەك لىرىك مۇڭ كۈيلەر بۇنىڭد ...
ئۇلاردا نۇمۇس بولغان بولسا ئۆزىنىڭ ئېيىتقان ناخشىللىرىدىن ئاز تولا نۇمۇس قىلاتتى،بەزىللىرى ئۈزى ئېيىتقان ناخشىنى ئۈزىمۇ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن،ئىجادىيەتتىن سۆز ئېچىشقۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،تولىسى تېخى بۇرۇنقى نادىر ناخشىلارنى ئۆزگەرتىپ،بۇزۇپ قوراشتۇرۇپ،چالا بۇلا ئاكورىتلاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ،يا قاملاشتۇرۇپ ئېيالمىغان ،ئېيىتقان ناخشىسىنىڭ ئاستىغا تىكىستى پالانىنىڭ،مۇزىكىسى پۇكۇنىنىڭ دىگەننىمۇ ئىنساۋى كەپ قالسا ئاران چىقىرىپ قويىدۇ،بولمىسا يوق ،بىرەر سەنئەت كېچىلىكى ،ياكى بىرەر پائاليەت بوپ قالسا تېخى بۇلارنى تۇنۇشتۇرۇپ كىتىشلىرىنى دىمەيسىز،ناخشا شاھى ،ناخشا پىرى،ئاتاقلىق ناخشىچى،ئەل سۆيگەن ناخشىچى،ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ناخشىچى،تالانىتلق ناخشىچى دىگەندەك دەرىجىدىن تاشقىرى ئاشۇرۇپ ماختاشلارنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالىمەن،بەزىدە ئادەم ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي راس تالانىتلىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ،ئەمىليەتتە ناخشىلىرىنى ئاڭلىسىڭىز يەنە شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى دىگەندەك