ئالدىنقى قېتىمدا بىر تۈركۈم يۇمشاق دېتاللارنى تۆكمە قىلىۋەتكەن، بۈگۈن يەنە يانفونغا كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى ئالغاچ كەلدىم.
1- ئەپ بازىرى
بۇ ئەپ بازىرىغا يوللىنىدىغان ئەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ، يامان نىيەتلىك ئېلان ياكى قىستۇرمىلاردىن خالى،
چۈشۈرۈڭ
2- تور كۆرگۈچ 2345
2345نىڭ بىخەتەر تور كۆرگۈسى، ئىشلىتىپ چوقۇم رازى بولۇپ قالىسىز
چۈشۈرۈڭ
3-يانفون ئۇلىنىش دېتالى
دائىم ئىشلىتىدىغان بېكەتلەرنى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق بىۋاستە زىيارەت قىلالايسىز. ئىنتايىن قولاي
چۈشۈرۈش
4-ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش دېتالى
دۆلەتلىك مېتىرولگىيە ئىستانسىسىغا بىۋاستە ئۇلانغان، ئېقىم مىقدارى ناھايىتى ئاز كېتىدۇ.
چۈشۈرۈش
5-ۋاڭيى خەۋەرلىرى
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەۋەردار بولالايسىز، داڭلىق مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئوبزورلىرىدىن خەۋەردار بولالايسىز. بەك قولايلىق خەۋەر دېتالى
چۈشۈرۈش
6-سوخۇ كىنوخانسىى
ئالدىنقى تېمامدا تونۇشتۇرغان كىنوخانا دېتالىنىڭ يانفون نۇسخىسى، ئامال بار سىمسىز تور شارائىتىدا ئىشلىتىڭ
چۈشۈرۈڭ
7-jjپومىشچىك ئويۇنى
ئىچىم پۇشۇپ قالسا مۇشۇنىڭدا پومىشچىك ئويۇنى ئوينايمەن، لاھىيەلىنىشى بەك ياخشى، پومىشچىك ئويۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى مۇشۇ jj پومىشچىكى.
چۈشۈرۈڭ
8-كۇگوۋ ناخشا قويغۇچى
بۇ قويغۇچنىڭ ئاھاڭغا ئاساسەن مۇزىكا ئىزدەش ئىقتىدارى بەك يۇقىرى، ئىزدىمەكچى بولغان ناخشىڭىزنىڭ ئاھاڭىنى ئىسقىرىتىپ بەرسىڭىز، ئامباردا بولسىلا تېپىپ سىزگە چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك، ھىندى ناخشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېپىلىدۇ.
چۈشۈرۈڭ
تۈگەپ كەتسە قالمىدى، يۇقاردا تونۇشتۇرغىنىم شۇ ساھەدىكى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان يانفون ئەپ دېتاللىرى. سىلەرگە كېرەكلىك يۇمشاق دېتال بولسا قالدۇرساڭلار تېپىپ يوللاپ قويسام بولىدۇ.