مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: karlik

«بۇ ئائىلىگە قاراڭ»ناملىق فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى.   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 09:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشخەەۋەركەن. تىزرەك قۇيىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 10:55:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:18:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزرەك   قويۇلسا   بولاتتى

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105948
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-4-12
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق فىلىملەر پات پات ئىشلىنىپ ،بىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرسا، تۈركىيەنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئۇزۇن ئۇزۇن فىلىملىرىنى كۆرگىچە ،ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆرسەك بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈگۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 11:37 PM  


ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 12:43:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» فىلمىنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئالاقىدار خادىملارنىڭ بۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، بۇ خەۋەر پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان، ئۇنىڭدا ھەقىقى ئەھۋال بۇرمىلىنىپ كەتكەن. شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇشۇ فىلىم ھەققىدىكى بىر يۈرۈش خەۋەرلىرىدە بۇ فىلىمنىڭ باش سىنارىيە يازغۇچىسى ۋارىس ئابابەكرى ئاۋازوف، رىژىسسۇرى ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغار ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىدى، ئەمما بۇ خەۋەردە بۇ ئىككى ئاساسلىق خادىمنىڭ خىزمىتى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى باشقىلارغا مەنسۇپ قىلىنغان. ئاينى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ، بۇرمىلانغان خەۋەر ھەقىقى پاكىتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ھىچكىم ئاتالمىش «نەق مەيدان فىلىم ئىشلىگۈچىسى»، «سەنئەت يېتەكچىسى» دەپمۇ  بەلگىلەنمىگەن.
     چېنلىق- خەۋەرنىڭ جېنى، چېنلىقتىن، كەمتەرلىكتىن، سەمىمىيلىكتىن چەتنەپ كەتكەن خەۋەر
ھەقىقى خەۋەر بۇلالمايدۇ. پاكىتقا سەل قاراشنىڭ ئۆزى سەمىمىيەتسىزلىكتىن دېرەك بىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87455
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 12:59:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
srlkadl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 02:32 PM
ئابدىكېرم ئابلىزنىڭ  كالسى بەك ئىشلەيدۇ،  نىمشكىن  بۇ ئ ...

ئابدۇكىرىمكام كالا باقامدىكەن.

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 04:02:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghari يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 12:43 AM
شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى «بۇ ئائىلىگە قاراڭ»  ...


ئەسسالامۇئەلەيكۇم  ئۇيغارى ئەپەندىم  . مەن مۇشۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى تۇرسۇنبەگ ياسىن ئارسلان بولىمەن ،  سىز كۆرگەن خەۋەر فىلىم ئىشلىنىشتىن بۇرۇنقى  تەييارلىق باسقۇچىدىكى خەۋەر  بولسا كىرەك  ، مەزكۈر فىلىمنىڭ باش رېژسورى (总导演)ئەنۋەر ت ئۇيغارى  ،سەنئەت يىتەكچىسى (艺术指导) ئابدۇكېرىم ئابلىز ، فىلىم ئىشلىگۈچىسى(制片人) ھەسەنجان ،  نەق مەيدان فىلىم ئىشلىگۈچىسى(现场制片人)يالقۇن قادىر  ، مۇئاۋىن رېژسور (副导演)تايىرجان مەمتىلى ئىكەنلىكى ئېنىق ، تىمىدا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كىشلەر تىلغا ئېلىنىپتۇ ، ھېچكىمنىڭ تۆھپىسى يوققا چىقىرىلماپتۇ  ، ياكى سىز دىگەندەك بىر كىمنىڭ تۆھپىسى بىر كىمگە بىرىلمەپتۇ .   فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغاندىن كىيىن ئەسلى سىنارىست ۋارىس ئابابەكرىنىڭ سىنارىيسىدە  ئۇيغۇر تۇرمۇشىمىزغا ماشسلاشماسلىق  ھەم خەنزۇچە 家有儿女فىلىمنىڭ ئىلىمىنىتلىرى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىك ھەم شۇ فىلىمدىن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنىش  ، ھەم شۇنداقلا  ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ماسلاشمايدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولىشى تۈپەيلى  مىنى بۇ فىلىمنىڭ سىنارىيسىگە مەسئۇل قىلغان ھەم مەن بىلەن مەزكۈر فىلىمنىڭ سىنارىيسى ئۈچۈن توختام تۈزگەن  ، توختامدا ئېنىق قىلىپ 20 قىسىم سىنارىيە يېزىش ۋە 8 قىسىمنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپەم ۋە مەسئۇلىيەت ، ھوقۇق قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋە تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇنلىق تامغىسى ھەم مەسئۇل رەھبەرنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان  ، بەش نۇسقا توختام ئىمزالانغان ، ئوخشاشلا  بۇ تىمىدا تىلغا ئېلىغان باشقىلارمۇ قانۇنىي توختام بىلەن شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغان خىزمەتچىلەر  . مەسلىھەت ۋە قاراپ چىقىش ئارقىلىق  ئەسلى سىنارىست ۋارىس ئابابەكرىنىڭ يازغانلىرىدىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ قارالغان سىنارىيەدىن مەن بىر قوللۇق سەككىز قىسىمنى ئۆزگەرتىپ چىقتىم ، ئۆزۈم مۇستەقىل ھالدا 20 قىسىمنىڭ سىنارىيسىنى تاماملىدىم ، بۇ جەرياندا ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكا كۆپ يول كۆرسەتتى  ھەم ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلىققە يېقىشلىق قىلىش پىكرىنى بىرىپ تۇردى ھەم سۈرەتكە ئېلىش ئەمەلىيتىدە ئۆزىمۇ  ئىمكانقەدەر شۇنىڭغا كۈچىدى  .  فىلىم سىنارىيەسىدىن 30 قىسىم ئىچىدىكى بىر نەچچە  قىسىم  بولسا باش رېژسور ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغارى ئەپەندىنىڭ ئۆز پىكرىدە دادىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ  يېقىن  دوستى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ سىنارىيسىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆزگەرتىپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرىشى بىلەن مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا سۈرەتكە ئېلىندى ، ھەم رېژسور  ئۆزىمۇ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارىتتى جابدۇقچى ، گىرىمچىك ،  مەزكۈر فىلىم گەرچە ئۆي ئىچى فىلىمى بولسىمۇ ئوپىراتور ، چىراقچى ، نەق مەيدان خاتىرلىگۈچى ، مىكرافۇنچى قاتارلىق خىزمەتچى خادىملار مۇ ھەم ئوخشاشلا ئاز بولمىغان جاپالارنى تارىتتى ، ئەمەلىيەتتە فىلىم كۆرگەندە ئەڭ كۆپ جاپانى يەنىلا شۇلار تارتىدۇ . 30 قىسىم سىنارىيەدىن 20 قىسىمنى مۇستەقىل يازدىم ، 8 قىسىمنى   ئۆزگەرتىپ چىقتىم  ھەم شۇ جەرياندا تىلىۋىزيە ئىستانسىنىڭ چۈشۈرگەن سىنارىيە ۋە پېرسۇناژلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپە ھەم تەلەپلىرىنمۇ  ئورۇنلىدۇق .  باش رېژسورنىڭ ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغارى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلغىنى يوق ، شۇڭا سىز  ئارتۇق ئويلاپ كىتىپسىز   ،   شۇڭا  تىمىدا دىيىلگىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىيەتنىڭ  ئۆزى شۇ  دەپ قارايمەن ، سۆزىڭىز ھەقىقەتەن  توغرا  ‹ ئاينى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ ، بۇرمىلانغان خەۋەر ھەقىقى پاكىتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ، پاكىتقا سەل قاراشنىڭ ئۆزى سەمىمىيەتسىزلىكتىن دېرەك بىرىدۇ . › . خەۋەردار بولۇپ قالغايسىلەر  ، بىلمىدىم سىز تىلغا ئالغان فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقا ئالاقىدار خادىم كىمكىن  ؟ پات ئاردا سەل بىكار بولۇپ  مەن مۇشۇ فىلىم ئىشلىنىش جەرياندىكى بارلىق فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان خادىملار تارىتقان جاپالارنى ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى  ھەم  تاماشىبىنلار بىلمەيدىغان ، لىكىن بىلىشكە  قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى مەخسۇس بىر تىما سۈپىتىدە يوللىشىم مۇمكىن ،    رەھمەت .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 10:57 AM  


ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 06:33:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىشلارنى بىلگەندەەەەەەەەەك بولىۋاتىمەن ............

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش