muttelib يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 01:42 PM
كورلىنىىىڭ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇرما؟
ھەئە ئۇيغۇر، ئىسمى جۈرئەت تۇردى. بۇرۇنقى شەھەر باشلىقى ھەسەنجان گايىت تۇتۇپ كېتىلدى. كورلا گەرچە بايىنغول (بايىنغولىن) موڭغۇل ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولسىمۇ، ئوبلاست باشلىقى ئىزچىل موڭغۇل، شەھەر باشلىقى ئىزچىل ئۇيغۇر بولۇپ كەلدى، چۈنكى، 1960- يىلى كورلا ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بايىنغول موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاراشەھەردىن كورلىغا كۆچۈپ، كورلا ۋىلايىتى بىلەن بايىنغۇل موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىرلەشتۈرۋىتىلگەن ئىدى. كورلا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى، شۇڭلاشقا كورلا شەھىرىگە تەۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر - خەنزۇ كادىرلار ئىشلەيدۇ، يېزىقتا ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ئىشلىتىدۇ، ئوبلاستتا بولسا، موڭغۇلچە بىلەن خەنزۇچە ئىشلىتىدۇ.