مەنمۇ ئۇزۇن بولغان مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالغىلى. زادى نېمە ئۈچۈن تاقىلىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا كىم چۈشەندۈرۈش بىرىدۇ؟
بۇ پىروگراممىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قالغىنىنى تاقىۋەتسە مەيلى ئىدى.
بۇ پىروگرامما يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ، كەڭ كۈرۈرمەنلەر جۈملىدىن مەن تۇلىمۇ خۇشال بۇلۇپ كۆرگەن ئىدۇق. پىروگراممىدا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى نادىر ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتۇرلىرى، كىتاب يېزىلىش سەۋەبى جاريانى، نەشىرىياتچىلارنىڭ نەشىر قىلىشتىكى جەريانلىرى سۆزلىنەتتى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلەتتۇق، كىتابقا قىزىقاتتۇق ۋە سېتىۋالاتتۇق، مانا بۇ يېرىم سائەتلىك پىروگراممىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەم مەنپەتى ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا تېلۋىزىيە ئىستانسىدىكىلەر نېمە ئويلايدىغاندۇ؟ راس گەپ قىلسام ھازىر نۇرغۇن پىروگراممىلارنىڭ سۈپىتى بەك ناچارلاپ كېتىۋاتىدۇ، ئېلانلارنىڭ مازلىقى............