zaghun يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 11:24 AM
ئۇيغۇر گراف ئەپەندى تىمىلىرىڭىزنى ياقتۇتۇپ كۆرۈۋاتىم ...
قېرىندىشىم زاغۇن ئەپەندىم، تېمىلارنى ياقتۇرغىنىڭىغا رەخمەت. بەزى مەسىلىلەرنى سوراپتىكەنسىز، بىلگىنىمچە جاۋاپ بېرىپ باقاي:
تۈمەن دەرياسى غەربى-شىمالدىن شەرقى-جەنۇبقا قاراپ قەشقەر شەھرىنى يايسىمان كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ دەريانىڭ مەنبىئى بۇلاقلاردىن تەركىپ تاپقاچقا، ئادەتتە كەلكۈن كەلمەيدۇ، ئەمما ئېسىمدە قېلىشىچە، 80-يىللاردا ئىككى قېتىم، 90-يىللاردا بىر قېتىم كەلكۈن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ بازار--ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى. چۈنكى بۇ بازار ياي ئايلانمىسىنىڭ بويىغا جايلاشقاچقا، كەلكۈننىڭ ئېنىرىتسىيە تەسىرىدە خېلى كۆپ زىيان سالغان.
كىچىك ۋاقلىرىمىزدا دەريا سۈيى ئۇلۇغ بولغاچقا، ياز كۈنلىرى ھاۋا ئوچۇق بولسىلا سۇغا چۆمۈلەتتۇق، ياۋاغ كۆۋرۈكىدىن غۇلجا بالىلىرىغا ئوخشاش باشچىلاپ سۇغا شۇڭغۇيتۇق، بۇ جەرياندا بىر نەچچە بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا سۇغا چۈمۈلەتتۇق. ئۇ چاغلاردا دەريا ساھىلى بۈك- باراخسان ئورمانلىق بولۇپ، ئەركىن مۇھەببەتلىشەلمەيدىغان قىز-يىگىتلەر ئورمانلىقتا سەيلى قىلىشاتتى، ئورمان قويۇق بولغاچقا تۆۋەن دەرىجىلىك پاھىشىلەرمۇ ئانچە-مۇنچە ھەركەت قىلاتتى...
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر ئۇزۇن، شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرەي:
قەشقەر شەھرى تۆت دەريانىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، لېكىن شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىلا بار، شىمالدىن جەنۇبقا سانىغاندا:
1-چاقماق دەرياسى (قەشقەر بىلەن ئاتۇشنىڭ ا پاسىلى، كونا ئاستانە --خانئۆينى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى قۇرۇپ كەتكەن دەريا شۇ).
2-تۈمەن دەرياسى(يۇقۇرىدا ئېيتىلغا ئانا دەريا).
3-قىزىل دەرياسى(قەشقەر شەھرى بىلەن يېڭەشەھەر ناھىيىسىنىڭ پاسىلى،تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق تارماق ئېقىنلىرىنىڭ بىرى، بۇ دەرياغا گەز، كۈسەن دەريالىرى قوشۇلغاندىن كېيىن قەشقەر دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ) .
4-تەلۋىچۈك دەرياسى(قەشقەر شەھرى بىلەن كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ پاسىلى، ئاياغ ئېقىندىكى يامانيار يېزىسىنىڭ سۈبھاناللا كەنتىدە <<رابىيە-سەئىدىن>> داستانىدىكى سەئىدىننىڭ مەشۇقى رابىيەنىنىڭ جېنىنى ئالغان دەريا شۇ).
تۈمەندىن باشقا قالغان ئۈچى ئاساسەن پەسىللىك دەريالار، چۈنكى ئۇلار پامىر تاغلىرىدىكى قار-مۇزلارنى ئۆزىگە مەنبەئە قىلغان، شۇڭا ھاۋا قانچە ئىسسىق بولسا، قار مۇزلار شۇنچە ئېرىپ، كەلكۈن پەيدا قىلىدۇ، لېكىن قەشقەردە ھاۋا ئىسسىمىسا سۇ ئازلاپ، ئېتىزلار قۇرۇپ كېتىدۇ، شۇڭا قەشقەر دىھقانلىرىغا سۇ لازىم بولغاندا سۇ يوق، لازىم بولمىغاندا دەريا سۈيى تاشقىنغا ئايلىنىدۇ. قەشقەر (شەھەر) ئەتراپىنىڭ توپرىقى بىرقەدەر قاتتىق بولغاچقا، بۇغداي قوناق كۆپ تېرىلىدۇ، ئاز كۆلەمدە كېپەز تېرىلىدۇ.
قەشقەردىكى(ۋىلايەت) تاغلار شەرق تەرەپتىن باشقا تەڭرىتېغىنىڭ غەربى تاغ تىزمىسى(شىمال)، قۇرۇم تاغ تىزمىسى(غەرب)، قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسى(غەرب)، ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنى(جەنۇب) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەھەر ئەتراپىدىكى لەنگەر تېغى، توپا تاغ، مىڭيول تېغى، قۇمال تېغى دىگەنلەر كىچىك تاغ ھىسابلىنىدۇ. شەرق تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتۇشىدۇ.
يېقىندىن بۇيان قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تىز بولدى، بولۇپمۇ ئالاھىدە رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن شەرقى شەھەر رايونىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولدى. مېنىڭچە سىزنىڭ يۇرتىڭىزمۇ شۇنداق، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىساممۇ سىز ھەممىنى چۈشىنىسىز.
قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى چوڭراق يۇرتلاردىن:
1-ئاتۇش .ئەسلى پەيزىۋاتنىڭ بىر يېزىسى بولۇپ 1942-يىلى ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قوشۇۋېلىپ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان، 1954-يىلى ئوبلاست قۇرۇلغاندا قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان، 1986-يىلى باشقا ۋىلايەت-ئوبلاست مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە شەھەر بولغان.
2-بەشكېرەم. قەدەمىي يۇرت، قەدىمدە ئاۋات، يېڭىئۆستەڭ، ئاققاش قاتارلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەشقەرنىڭ داڭلىق مىۋە-چىۋە ماكانى بولۇپ مەنزىرىسى گۈزەل بولغاچقا، بەزىلەر بېھىش كېرەم دەپ ئاتىۋالغان.
3-توققۇزاق. ئەسلى نامى توققۇز ساك، پاختەكلى، ئوغۇزساق(ئوغۇزساك) قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1952-قەشقەر شەھرى ئۈرۈمچى، غۇلجىلار بىلەن 1-تۈركۈمدە شەھەر (خەلق ھۆكۈمەتلىك شەھەر) بولۇپ قۇرۇلغاندا، كوناشەھەر ناھىيىسى ئاشۇ بازارغا يۆتكەلگەن.
4-يېڭەشەھەر. ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسى، تارىختا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ناھايىتى زور رول ئوينىغان.
5-سەمەن. بۇ يۇرت لەنگەر،مۇش قاتارلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 1927-يىلى 5-ئينىڭ باشلىرى كوناشەھەر ناھىيە ئۈستۈن ئاتۇش يېزا ( ئۇ چاغدا بۇ يېزا كوناشەھەرگە قارايتتى) ئېكىساق دىھقانلار پۇتبول كوماندىسى دەل مۇشۇ يۇرتتىكى ئابدۇرېھىم ھاجىم دىگەن كىشىنىڭ بىدىلىكىدە ئەنگىلىيە كونسۇل كوماندىسىنى 1:2 ، شىۋىتسىيە كونسۇل كوماندىسىنى 0:7 نەتىجە بىلەن ئۇتقان.
ئالدىراپ يېزىپ ئىملاغا دىققەت قىلالمىدىم، كەچۈرگەيسىزلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 07:19 PM