كەمتەرى يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 12:50 PM
ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستىدە ئاللاھنىڭ زاتى ئەڭ كۆپ ت ...
eئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستىدە ئاللاھنىڭ زاتى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ،
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخرقى ۋەكىللرىدىن بولغان ناقىس (سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر يىڭسارى )نىڭ تەۋەللۇتىنڭ 155يىللقىغا ئاتاپ (1843-1922) قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللق 1-سانىدا مەخسۇس ئاجرىتلغان سەھپىلەردە ،ناقىسنىڭ ياشاۋاتقان زامانلاردا ،مۇقاملار بۇزۇلۇپ ۋەبەزى شەھۋانىي قوشاقلارنىڭمۇ تېكىستكە ئارلىشىپ قېلىپ مۇقامنىڭ ئوبرازىغا دەخلى قېلۋاتقانلقىنى ھېس قىلدۇ . كېيىن دوستى مۇقامچى تەۋەككۇل ئاخۇن بىلەن بىللە ئەسلىگەۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا نەۋائىي ،مەشرەپ ،ھۇۋەيدا ،زەلىلى قاتارلىق كىلاسسك شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى بىلەن مۇقام تېكىستىنى قايتا رەتلەپ چىقىدۇ . مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 73-،74-بەتلىرىدە مۇنداق بايانلار بار (مەن قىسقىچە مەزمۇننىلا يازىمەن ، خالىغانلار تەپسىلىي ئۆزى كۆرۈۋالغاي )»
....شەمشىدىن بەگنىڭ بېغىدىكى يېڭساردىكى ئەھلى -ئۆلىما ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاتناشقان بىر ئولتۇرۇشتا تەۋەككۇل ئاخۇن يېڭىدىن رەتلەنگەن مۇقاملارنى ئوقۇيدۇ ،سورۇن ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى كۆز يېشى قىلىدۇ ، شۇندا ھاشىم بەگ دىگەن كىشى ئەجەبلىنىپ :«ئاخۇنلىرىم ،نەغمىنى بىدئەت دىيشىدىكەنلا ،بىراق بۈگۈن نەغمىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىپ كېتىشلىغۇ ؟»دەيدۇ ،سۇرۇندىكى ئەھلى ئۆلىمالار نىمە دىيشنى بىلمەي قالىدۇ . ناقىس :«ھاشىم بىگىم ، نەغمە ناۋانىڭ ھەممىسنى قارا-قويۇق بىتئەت دىگىلى بولماس ، ئالدى بىلەن نەغمە ناۋا قىلنغان سورۇن ۋە ناۋا -نەغمىسىگە قاراش كېرەك ، كەيپى ساپا ۋە ئەيشى ئىشرەت ئۈچۈن قىلىنغان نەغمە -ناۋا بىتئەتتۇر ، ئۇئىنسان ئەخلاقىنى بۇزۇپ يولدىن چىقرىدىغان ئېزىتقۇدۇر.............بايا بىزئاڭلىغان مۇقامنىڭ نەزمىلىرى پىر ئۇستاز ھەزرىتى ئەلشىر ناۋائى قاتارلىق ئەدىپ ،شائىرلانىڭ يازغان نەزمىلرىدىن تۈزۈلگەن . بۇ نەزمىلەرنڭ ھەربىر مىسراسى تەڭرىگە قىلنغان ھەمدۇ -سانادۇر ،شۇڭا ئۇنى قەدىرلىشمىز ،ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا تاھارەت ئېلىشمىز لازىم ..........ئۆلىمالارغا ئىلتىماسىم ، مۇقام بىدئەتمۇ ،ئەمەسمۇ ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىر ھۆكۈم چىقرايلى »دەيدۇ ، ئەھلى -ئۆلىمالار «12مۇقام بىدئەت ئەمەس »دەپ ھۆكۈم چىقرىدۇ . .........
شۇنىڭغا قارىغاندا، مۇقام ئابدۇەشىدخان زامانىسدا رەتلنىپ زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن تىكىستلەردە بۇزۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش بولغان ، بىزنىڭ ئەدىپ -شائىرلىرمىز بۇ بۇزۇلۇشلارنى تۈزەپ كەلگەن .
بۇرادەر،مەنمۇ سزدەكلا 12مۇقامدا ئاللاغا ھەمدۇ -سانا ئوقۇيدىغان تېكىستلەر كۆپ دەپ ئويلايتىم .لېكىن مۇقام بىدئەتمۇ يوق دىگەن پاراڭلار كۆپىيىپ قالغاندىن بۇيان ، 12مۇقامنىڭ دۋد نۇسخسىنى بىرقاتار كۆردۈم ، مەشرەپنىڭ نەزمىلىرى ھەممىلا مۇقامدا ئاز-تولىدىن باركەن ،بىراق باشقىلارنىڭكىنى تازا پەرق ئېتەلمىدىم ،چۈنكى مەن ئەدەبياتچى ياكى شائىر ئەمەس . ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسلىنىپ ھازرقى مۇقام تېكىستلىردىن ئاللاغا ھەمدۇ -سانا ۋە ئىنساننى ياخشلىققا ئۈندەيدىغان كۆپلىگەن نەزمىلەرنىڭ ئورنىغا ئىشقى -مۇھەببەت قۇشاقلىرى سەپلەنگەندەك ھىسياتقا كېلىپ قالدىم . سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 12:33 AM