ئابدۇقادىر جالالىدىن غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
بۈگۈن كەچ يەنى 2014-يىلى 12-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت بەش يېرىم بىلەن زامانىمىز ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى،يازغۇچى شائىر،مائارىپ تۆھپىكارى جالالىدىن ئابدۇقادىر ئەپەندىم غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى بولغان لېكسىيە سۆزلىدى.لېكسىيەنىڭ تېمىسى‹ئۇيغۇر سىتودېنتلىرى ۋە كىتاب ئوقۇش› بولدى،بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى بولۇپ 200 ئەتىراپىدا ئادەم قاتناشتى.ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق پىكىرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۇيغۇر سىتودېنتلىرى ۋە كىتاب ئوقۇش توغىرىسىدا مول مەزمۇندا سۆز قىلدى.لېكسىيە ئاخىرىدا ئابدۇقادىر مۇئەللىم ساۋاقداشلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەتىراپلىق جاۋاب بەردى،سورۇننىڭ كەيپىياتى ئىزچىل شۇنداق ياخشى بولدى.تۆۋەندە مەن لېكسىيە جەريانىدا ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۈمگە بەك يارىغان ،تەسىر قىلغانلىرىنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
‹يولۋاسقا ئوزۇق كەم بولماپتۇ.›
بەدەلسىز تاللاش بولمايدۇ.
ئەۋرەزدىن يۇندا چىقىدۇ،تومۇردىن قان چىقىدۇ،بۇلاقتىن سۇ چىقىدۇ.قەلبى پاك بولغان كىشىدىن ياخشى ئىزلار قالىدۇ.
‹كىمكى بىر ئەرگە ئىلىم ئۆگىتىدىكەن ئۇ بىر ئادەمگە ئىلىم ئۆگەتكەن بولىدۇ،كىمكى بىر ئايالغا ئىلىم ئۆگۈتىدىكەن ئۇ بىر قەۋىمگە ئىلىم ئۆگەتكەن بولىدۇ›...ئىلىملقك ئايالنىڭ ئائىلىسىدە بەخىتلىك ئەر بولىدۇ،ئەرلەر ساۋاتسىز قالسا قالسۇنكى ئاياللار ساۋاتسىز قالمىسۇن.
بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرىستە ئوبراز تىكلىشى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى نامايەن قىلىشى بەكلا مۇھىم.
سېغىنىشقا بوزەك بولماي ئېمونىتېت كۈچى بىلەن ياشڭ.
تەۋسىيە،ۋەز -نەسىھەتنى ئاڭلاپ قايىل بولمىغانلار،ئەمەلىيەتنى كۆرسە قايىل بولىدۇ.
ئەنئەنىۋىيلىكتىن مۇستەسنا مىللىيلىك بولمايدۇ،مىللىيلىكتىن مۇستەسنا دۇنياۋىيلىق بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ياخشى سۆزلەر بولۇنغانتى،مەن مۇشۇنچىلىكنى يېزىپ ساقلىۋېلىشقا ئۈلگۈردۈم،شۇ سورۇنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىىچىدە مۇنبەرلەرگە كىرىپ تۇرىدىغىنى چوقۇم بار دەپ ئويلايمەن،چالا قالغان يەرلىرىنى ئۇلار تولۇقلاپ قويار،سەۋەبلەر تۈپەيلى لېكسىيە نەق مەيدانىنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ مۇنبەرگە يولللاشقا ئىمكان بولماي قالدى،بۇ ھەقتە بەلكىم چوڭراق تاراتقۇ ۋاستىللىرى خەۋەر بېرىشىمۇ مۇمكىن.تۈنۈگۈن كەچ لېكيىسە كېيىنرەك ئاخىرلاشقان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمامنى يېزىپ تەھرىرلەپ مۇنبەرگە يوللاشقا ئۈلگۈرمەي بۈگۈن سەھەردە يوللىدۇم،ياقتۇرغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
ئۆرلە ئۇيغۇر مۇنبىرى
مەنبە:
http://www.uyorla.com/forum.php? ... age=1&extra=#pid725
13-ماي سەھەر،لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غەۋغا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 08:48 AM