|
|
|
|
بەل ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى يېزىلاردا ئەمگەكتە ھەددىدىن زىيادە كۈچىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بېلى چىم بولۇپ قېلىپ،بەل ئاغرىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ،بۇ كېسەلنى كەينىچىلەپ مېڭىش ئۇسۇلى بىلەن يېنىكلەتكىلى ھەم ساقايتقىلى بولىدۇ،مۇسكۇلنىڭ ئاغرىشى ئاساسەن ماددا ئالمىشىشىتىن ھاسىل بولغان سۈت كىسلاتاسى يىغىلىپ، نېرۋا ئۇچلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن پەيدا بولدۇ،كەينىچىلەپ ماڭغاندا،بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرى بىر قەدەر چوڭ ھەم قائىدىلىك قىسقىرايدۇ ۋە بوشايدۇ،بۇنىڭ بىلەن بەل،دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ قان ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ،ماددا ئالمىشىشتىن چىققان كېرەكسىز ماددىلار ۋاقتىدا چىقىرىلىپ،كېرەكسىز ئېنېرگىيە ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ،ئاغرىغان بەل مۇسكۇلى ئەسلىگە كېلىدۇ،كەينىچىلەپ مېڭىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك؛ ئادەم ئاز ماڭىدىغان،تۈز،ھاۋاسى ساپ يولنى تاللاپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئارقىغا ماڭىمىز،مۇنداق مېڭىش كۈنىگە ئىككى قېتىم،ھەر قېتىمدا25مىنۇت دۋام قىلىشى كېرەك(بەل ئاغرىقى ئەۋجىگە چىققاندا كۈنىگە ئۈچ قېتىم ماڭسىمۇ بولىدۇ).بۇ ئۇسۇل ئاددىي،ئىشلەش ئاسان بولۇپ،ھېچقانداق ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. مەنبە؛(جەۋھەر رېتسىپلار)ناملىق كىتابتىن ئېلىندى http://koknur.net/list.asp?unid=4210 كۆكنۇر تورىدىن ئېلىندى
|
|
|
|
|
|