قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 03:50 PM
دىمەكچى بولغىنىڭىزنى مۇنداق چۈشەنسەم بولامدۇ؟ ھازىر ...
نوقتا يەر شارىنىڭ خالىغان يىرىگە قۇيۇلسا بۇلۇۋېرىدۇ ، پەقەت ئېكۋاتوردىلا ئەڭ يۇقۇرى تىزلىككە ئىگە بۇلىدۇ . بىز نوقتىنى ئالدى بىلەن ئېكۋاتورنىڭ (سىز تۇرۇۋاتقان يەرمۇ تىزلىك پەرققە ئىگە ) مەلۇم يىرىگە بەلگىلىۋېلىپ ئاندىن شۇ نوقتىنىڭ ئوربىتىدىكى ئەڭ چوڭ تىزلىككە يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ۋاقىت خاتىرلىسىڭىز يۇقۇرقى چۈشەنچىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرالايسىز . بۇ يەردىكى تىزلىكنىڭ كېچە-كۈندۈز بىلەن ئالاقىسى يوق . ئەگەر قەشقەرنى مىسالغا ئالسىڭىز ، يېرىم كېچىدە پارالىل سىزىق ئۈستىدىكى نوقتا بولغان شۇ قەشقەرنىڭ ئوربىتىدىكى پەيتلىك تىزلىكى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ . چىڭقى چۈشتە بولسا ئەكىسچە بۇلىدۇ .
بۇ يەردىكى كېچە- كۈندۈز بىلەن تىزلىك مەسلىسى ، ئۆزىڭىزنى نوقتا قىلسىڭىز ماس كىلىدۇ ، بۇلمىسا كېچە -كۈندۈزنىڭ نوقتا بىلەن ئالاقىسى يوق .
يەر شارىنىڭ ئوربىتىدىكى ھالىتىنى توغرا پەرەز قىلسىڭىز ئوڭاي چۈشۈنىسىز .