sayam يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 10:55 PM
بالىلىقىمنى سىغىندىم
مەنمۇ شۇ،يېزىدا ئۆتكەن سەبى چاغلىرىمنى دائىم ئەسلەيمەن.ئۇ چاغلاردا ئاكام ياساپ بەرگەن لەگلەكنى ئۇچۇراتتىم،مەھەلدىكى بالىلار بىلەن چۇك-چۇك ئوينايتىم،قىش كۈنلىرى چانا ياساپ مۇزدا،قاردا تېيىلاتتىم،سىمدا جىلدىلىماچ ياساپ ئوينايتىم،بېغىمىزدىكى دەرەخلەرگە چىقىۋىلىپ مىۋىلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق پىشقانلىرىنى ئۈزۈپ يەيتىم...قايسى بىر كۈنى قورۇدىكى بالىلار سىمىنۇت يۈزىدە نۇر چۆگىلتىۋاتاتتىكەن،كىچىك ۋاختىمنى ئەسلەپ تاتلىق كۈلۈۋالدىم.