ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئىتى» ژۇرنىلى تورىدا 11-ماي ئېلان قىلىنغان«روسىيە بىلەن بولغان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يەتتە چوڭ ئوخشىماسلىقى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئالاقىدار ئاۋام ئاۋازىغا قويۇشقا ئەگىشىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا، روسىيە ۋە باشقا جايلاردىكى كۆزەتكۈچىلەر روسىيە-ئامېرىكا ئارىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلامدۇ ياكى باشقىچە ئەھۋال يۈز بېرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. يەتتە چوڭ ئوخشىماسلىق روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش پارتلىسا، نەتىجىنىڭ كىشلەرنىڭ قىياسىدەك بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئامېرىكىغا پايدىلىق ئوخشىماسلىقلار.
1. ئامېرىكا بىلەن روسىيە كۈچ جەھەتتە باراۋەر ئەمەس. روسىيە ئامېرىكا بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى پەۋقۇلئادە چوڭ دۆلەت ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى روسىيەنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۆلىمىمۇ روسىيەنىڭ سەككىز ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خەمچوتى روسىيەنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ھازىرقى ئورنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك، لېكىن روسىيەنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىشكە قاراپ ماڭدى. روسىيەنىڭ سوۋېت بىلەن ئۇزاق مۇددەت قارىشىلىشالىشى مۇمكىن ئەمەس. يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىلگىرىكىدەك 70 يىلغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ.
2.روسىيە كىشلەرنى جەلپ قىلغۇدەك يېڭى ئىدېئولوگىيەنى شەكىللەندۈرمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغۇچىلارنى جەلپ قىلالىغانلىقتىن، ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشىنى قىلالىغان. روسىيە كەڭ قورساقلىق بىلەن قورال-ياراغ ۋە قەرز بېرىپ، بىر قىسىم دوستلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ۋە خەلقچىل سىياسەتلەر بىلەن قىسمەن كىشلەرنى ئىلھاملاندۇرغان. ھازىر روسىيەنىڭ قىسمەن خېرىدارلىرى بار، بىراق مۇخلىسلىرى يوق.
ئامېرىكىغا زىيانلىق ئوخشىماسلىقلار.
3.يەر شارىلىشىش ۋە تېخنىكا ئاجىزلارنىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. روسىيەنىڭ تور ئۇرۇشى زامانىۋى تېخنىكىسى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، روسىيەنىڭ جەڭگاھتا ئامېرىكا، ياۋروپا بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئۆتۈشگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.
4. رايون چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى ئاجىزلىق، دېيىشكە بولمايدۇ.ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روسىيەنى «رايون چوڭ دۆلىتى» دەپ مازاق قىلدى. روسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ۋەدىسى يوق، شۇڭا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ئەڭ جىددىي چەت رايونلارغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئامېرىكا يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ زور ئېنېرگىيە زاپىسى ئاسىيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق، شۇنداقلا باشقا جايلاردا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تەييارلانغان بولىدۇ. ۋاقىت ۋە ئارىلىقمۇ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، روسىيە قوشۇنى ئامېىركا قوشۇنىغا سېلىشتۇرغاندا توقۇنۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان يەرگە يېقىن.
5. بىرىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قائىدە پەيدا قىلغان، لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھېچنېمىسى يوق. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر يۈرۈش مۇرەككەپ قائىدە بىلەن ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇشنى كونترول قىلغان ھەمدە خەتەرنى ئازايتقان. روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلىسا، 1985-يىلىغا قايتماستىن، 1945-يىلىغا قايتىدۇ.
6. جۇغراپىيەلىك سياسەتتە ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپ رىقابىتىنىڭ بىر مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە كۆپلىگەن كىشى بىر تەرەپكە ئېغىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئامېرىكا مۇھىم ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلەرنى توپلىدى. ھەر قانداق يېڭى تىرىشچانلىق، چەكلەش ھەرىكىتى ۋە روسىيە بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ھەممىسى جۇڭگو، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردا كۆڭلنى غەش قىلىدىغان جۇغراپىيەلىك سىياسەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
ئاۋارىچىلىك كەلتۈرىدىغان ئوخشىماسلىقلار.
7.يادرو قورال-ياراغلار ئوخشاشمىغان دەرىجىدە رول ئوينىشى مۇمكىن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن سوېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا بىۋاستە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. ئامېرىكا بىلەن روىسيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشىدا بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. روسىيە تاكتىكىلىق يادرو قورال-ياراغ جەھەتتە ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقتىن، بەزى مەسىلىلەرگە بېرىلگەن خاتا جاۋابلار روسىيە ئەمەلدارلىرىنى ئىشەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇلار مۇناسىپ جازاغا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ش ئا ئە ت نىڭ ئاجىز ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. بۇ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sayam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 10:36 AM
|