مەزكۇر پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىز <<
خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى تەرەققىياتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ >>دەپ ماقالە يېزىپ بۇ پائالىيەتتىن جامائەتنى خەۋەرلەندۈرگەنمىز.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-124098-1-1.html
بۇ پائالىيەتتىن ئۇيغۇر قاشگەرلىرىمىزمۇ خەۋەر تاپقان ۋە بىر قانچەيلەن بېرىپ قاتناشقان.بىراق خەنزۇچە ماقالىدىكى سۈرەتتە چىقماي قاپتۇ.
بۇ پائالىيەت ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت.ئەتە (18-چىسلا) ئاخىرقى كۈنى.قاشگەرلىككە قىزىقىدىغانلار بېرىپ كۆرۈپ قاتناشسا بولىدۇ.
كىتابنىڭ سانى بىرلا ئەمەس.پائالىيەتتىن ۋە كىتابخانىلاردىنمۇ سېتىۋالالايسىز.ئالاھىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ،مۇتەخەسسىسلەر ئىمزا قويغان بىر نۇسخىسى 350 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان .كىتابنىڭ ئەمەلىي باھاسى 460 يۈەن.