intizar يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 11:48 PM
ھازىرقى بۇ مەقسەت ئۇتغۇر ئەپەندىم يازغان ‹‹تاققا تۇق ...
ئەلۋەتتە ئويلىنىپ گەپ قىلدىم . سىز مەقسىدىمنى چۈشەنمىگەندەك قىلىسىز . تاققا تۇققۇ تېمىلار توختىماي يوللىنىۋاتقىلى ھازىر نەچچە كۈن بولدى . ساپاسىز يوللىغۇچى ئەخلەت چاۋالارنى يوللاپ ئەسلى زىرىكمىدى . ئىنكاس يازغانلار تۇترۇقسىز تېمىلارغا ئىسراپ بۇلۇپ كىتىۋاتقان ۋاقتىغا ئەسلى ئېچىنمىدى . تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىنىڭ نىمە ئويلاپ تەستىقلايدىغىنى ماڭا قاراڭغۇ . بەلكىم ئۆزىنىڭ پائالىيەتچان باشقۇرغۇچى ، مەسئۇلىيەتچان باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى مۇنبەرداشلارغا بىلدۈرۈپ قۇيۇشنى مەقسەت قىلىپ تەستىقلامدىكىن ... ؟
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تور دۇنياسىدا ، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىدە قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ھەرخىل تاراتقۇلاردىنمۇ ئاڭلاۋاتىمىز . مۇنبەر ئەزالىرى ئەمىلىيەتتىمۇ كۆرىۋاتىمىز . ئەزالىرىمىزنىڭ قانچىلىك سەرخىللىقىنى مەن دىمىسەممۇ مۇنبەرگە كۈندە كىرىدىغان تورداشلار بىلىدۇ . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى قاندۇرىدۇ . ئۆزىدە بار بىلىمىنى داستىخانغا تۆكىدۇ . بەزىدە ئويلايمەن ، ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزدىن ، تاشپولات رۇزى ، قاسىم سىدىق ، بىلگەجان ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ۋە شۇنداقلا مەن تۇنۇيدىغان تۇنىمايدىغان نۇرغۇن داڭدار شەخىسلىرىمىز كۈندە بولمىسىمۇ ئىككى ئۈچ كۈندە بىر كىرىپ تۇرىدۇ . بىزنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىمىزنى ، يوللىغان تېمىلىرىمىزنى كۆرىدۇ . ئاشۇنداق نەدىكى جىڭغا توختىمايدىغان . ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان يېڭى تىلى چىققان بالىدەك تاينى يوق ، باشقىلارغا قىلچىلىك مەنپەئەت يەاتكۈزەلمەيدىغان تۇترۇقسىز تېمىلارغا ۋاي ياخشى يىزىپسىز ، ۋاي رەخمەت، كۆپرەك يىزىڭ دىگەندەك ساراڭدىن ئۆتە ساراڭ ، ساختىپەزلىكتە ئۇچىغا چىققان ئىنكاسلىرىمىزنى كۆرۈپ ، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداق تاينى يوق نەرسىلەرگە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچە ، پايدىلىق بىر كىتاپ ياكى پەن تېخنىكىغا ئائىت بىرەر تېما كۆرۋالسىچۇ دەپمۇ ئويلاپ قالامدىغاندۇ دەپ، داڭلىقلىرىمىزدا خاتا چۈشەنچە پەيدا بۇلۇشقا سەۋەپچى بولغان ئىنكاسچىلاردىن بىر خىل نومۇس ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم .
ئەلۋەتتە مۇنبەر دىگەن ئەركىن پىكىر سورۇنى . ئۆز ئارا بىلمىگەننى ئۆگىتىدىغان ، بىلگەننى ئايىمايدىغان شەكلى ئۆزگەرگەن مەكتەپ . [ شەخسەن مىنىڭ نەزىرىمدە شۇنداق ] . لىكىن ھازىر نىمىگە ئوخشاپ قالدى مۇنبەر ؟؟؟
كۈندە بىر نەچچەيلەننىڭ خالىسا تاققا تۇقۇ يازىدىغان مەشىق دەپتىرى ، خالىسا ئىنكاس جېدىلى قىلىدىغان يىپ بازىرى ، يەنە خالىسا ئۇچرىغانلا ئادەمگە زەھەرىنى تىقىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان مەنمەنچىلىك سەھنىسىگە ئوخشاپ قالاي دىدى .
مۇنبەرنى ئاسرايلى تورداشلار ، يىزىۋاتقىنىمىز نىمە ، باشقىلارغا قانچىلىك ئەھمىيتى بار، ئېغىزىمىزدىن نىمە چىقىۋاتىدۇ ، كىمگە ئازار بىرىۋاتىمىز ، نىمىنى تالىشىۋاتىمىز ..... بىز مۇنبەرنى ئاسرىساق ، مۇنبەرمۇ بىزنى قەدىرلەيدۇ .