مۇشۇ ۋاز كىچىشمۇ بىر خىل مۇھەببەت دىگەن ئىدىيە قايسى تائىپىلەرنىڭ قارىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن ، بىراق بۇ ئۇيغۇر پىسخىك مەدەنىيىتىگە يات بىر خىل قاراش .
ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بىرىدىغان زەئىپانە پىسخىكا ، يا ئىرىشەلمەيدۇ يا ئۆزىنىڭ قارشى ئېلىشقا ئىرىشەلمىگىنىنى ئېتىراپ قىلالمايدۇ ، ساختا ئالىيجاناپلىق ئىچىدە ئۆزىنى ئالداپ ياشايدۇ .
ۋاز كەچكەن ( ئامالسىزلىقتىن ) كىشىگە مۇھەببىتى بار دىيىلسە...................مەن بۇخىل تەپەككۇرنى چۈشەنمەيمەن ، قۇبۇل قىلالمايمەن !
ئېھتىمال مەن بىرىنى ياخشى كۆرسەممۇ «ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم - تالقان بول» دىگەندەك ئۇيغۇرچە ياخشى كۆرسەم كىرەك