alsoy705 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 01:20 AM
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىز شىئىرىنى دىكلاماتاسىيە قىلغا ...
مەندەك ئويلاپسىز . بىر قىتىم نەچچە مىڭ مۇسۇلمان يىغىلغان جۇمە نامىزىدا خاتىپ ئىسلامدىكى ئەخلاق قارشى توغۇرسىدا سۆزلەپ كىلىپ . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ بىنا ئۆيدە ياشاۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئىلپ كەلگەن گۆشنى قىڭراق بىلەن چانىسام گۆش تاختىسىدىن چىققان قوپال ئاۋاز يۇقۇر-تۆۋەن قوشنىمىزنى بىئارام قىلىپ قويدۇ دىگەن قاراش بىلەن گۆشنى ھەرە بىلەن پارچىلغانلىق توغۇرسدا بىر باياننى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . ئا ئۆتكۈر تاغىمزىغا شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قىتىم ھۆرمىتىم زىيادە بولغان ئىدى .
سىز ئىيتاندەك شۇ شېئىر ماڭىمۇ شۇنداق ياقىدۇ . ئىچكىردىكى ۋاقتىمدا دوسلارنىڭ زورلىشى بىلەن بىر نەچچە قىتىم رۇسلار ئاچقان كۇلىبىغا بىرىپ قالغان ئىدىم .شۇ ۋاقىتتا بىر ئىشقا دىققىتم مەركەزلىشىپ قالغان ھەم ھەيران قالغان ئىدىم . كۇلۇپتا بەزى ۋاقىتتا رۇسلارنىڭ كاتىيۇشا دىگەن ناخشىسى ئورۇنلانسا بارلىق رۇس ئوغۇل-قىزلىرى قىلۋاتقان ئىش-كۈشلىرى ،ئىچىۋاتقان ھاراقلىرنى توختىتىپ خۇددى بىراۋ تەڭكەش قىلىپ بىرىۋاتقاندەكلا تەڭلا كاتىيۇشا دىگەن ناخشىنى شۇنداق ئېپتىخارلىنىش قىزغىلنىق ۋە شۇنداق ھاياجان بىلەن بىلەن ئىيتىپ كىتەتتى .
شۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستىنى بىلمەيمەن،بىراق شۇ ناخشا مىدىيالاردا بىرىلسە كۆز ئالدىمغا ئەركىنلىك ئۈچۈن قاتار-قاتار كىتىۋاتقان تانكا-بىروۋنىك ئۈستىدە ئاياللىرى ، پەرزەنتىللىرى ، قىز دوسلىرى بىلەن خوشلۇشىۋاتقان ،ئەرلىرىگە ،دادىللىرىغا، سۆيگەن ۋاپادارىغا سالامەتلىك ،نۇسىرەت-غەلبە تىلەپ كۆزلىرىدن ياش تۆكۈلىۋاتقان رۇس قىز-ئاياللىرى كىلىپ قالىدۇ .