ھەممىڭلارغا رەھمەت،مەن سىنارىيگە بىر يىلغا يىقىن تەييارلىق قىلىپ مول مەزمۇنلۇق،ئەخلاق تىمىسىدىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا،تەربىيۋى ئەھمىيتى بار،ئىبرەتلىك بىر ناخشا تەييارلاپ خەلقىمگە سۇنۇشنى نيەت قىلغان ئىدىم.ئەپسۇس نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار بىزدەك ئىشتىن سىرتقى قىزىققۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئىپ كەلدى،لىكىن مەن نىشانىمدىن ۋاز كەچمىدىم ھەم ئۆز ئارزۇيۇمدىكىدەك قىلىش ئۈچۈن بەزى جەريانلارنى قايتا قايتا سۈرەتكە ئالدۇق،ھەتتا ئالدىنقى قىتىم بىر قىتىم ئىشلىنىپ تولۇق پۈتكەن نۇسخىسىدىكى ئازراق سەۋەنلىكلەرنى دەپ يەنە ھەممىنى قايتا سۈرەتكە ئىلىپ ئىشلىدۇق. بۇ جەرياندا ئوپىراتورنىڭ ھەم رولچىلارنىڭ تارتقان جاپالىرى ئاز بولمىدى.ئالدىنقى قىتىملىق كۆرۈنۈشلەرنى قىشتا ئالغان بولغاچقا سوغۇقنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تىتىدۇق. لىكىن مەن ناخشىدىكى تەسەللى مەزمۇنى بىلەن فىلىمنىڭ ئىبرەتلىك مەزمۇنىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىنارىينى نەچچە قىتىم تەھرىرلەپ ئىزچىل ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىز مۇشۇ تارتقان جاپالىرىمىز ئۈچۈن ياراتقان ئەمگەكلىرىمىزنىڭ سىلەرگە يارىغىنىدىن كۆپ خۇرسەن. سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارغا رەھمەت.
باشلىنىشتىكى دىئالوگنىڭ سەل سۈنئىي چىقىپ قالغىنى ماڭىمۇ ئايان،لىكىن ئىغىز شەكلىگە قاراپ ئاۋاز بىرىش پەقەت تىلىۋىزىيە ئىستانسىسدىكى كەسپىي ئاۋاز ئارتىسلرىنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغان ئىشى بولغان بۇ ۋەزىيەتتە بىزدەك ھەۋەسكارلارنىڭ ئىغىز شەكلىگە قاراپ تۇرۇپ ئاۋاز بىرىپ ئىغىز شەكلى بىلەن مەزمۇننى توغرىلاشنىڭ ئۆزىمۇ خىلىلا تەسكە توختىدى.نەق مەيدان ئاۋازنى ئىشلىتەيلى دىسەك سۈرەتكە ئىلىنغان ئورۇنلار بەك شاۋقۇنلۇق بولغاچقا كىيىن ئاۋاز بەردۇق. مەنمۇ بۇرۇن بەزى فىلىملەرنى كۆرۈپ ئاددىي ئويلايتىم،تويدىن يامانلىساق توي قىپ باق دىگەندەك بىر قاتار مۇشەققەتلەرنى بىشىمندىن كەچۈرگەندىن كىيىن قىسقىغىنە بىر فىلىمنىڭمۇ قانچىلىك تەسكە توختايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھىس قىپ يەتتىم.قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ سەمىمىي پىكىر تەكلىپلەرنى بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىڭلار،بىزنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭلار،بىزگە دوستانە سەمىمىي پىكىر تەكلىپلەرنى بەرگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر.