مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: iltebir

دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بالىنىڭ ياخشى تەر بىيەلىنىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاتا-ئاتا، ئاندىن ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ، ئەڭ ئاخىردا جەمىيەتنىڭ ئۆز -ئارا ماسلىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ……
  ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ ئەقلى -قابىلىيىتىدە پەرق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى كۈزۈتىشى، ئەستە تۇتۇشى، ئىنكاس قايتۇرۇشى……قاتارلىقلاردا زور پەرىقلەر مەۋجۇت.
    بىر سىنىپقا دەرىس بېرىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ ساپاسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنۈشى ، خىزمىتىدىن رازى بولۇش ئەھۋالى، ھەر جەھەتتىن كەمچىلىكى بار بالىلارغا بولغان پۇزىتسىيەسى……قاتارلىقلاردا ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت.
جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ مائارىپقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئېغىزدا، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ياخشى، ئەمىلىيەتتە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ……
ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى، قىزىقىشى، ئېتىقادى ……بالىلارغا نىسبەتەن ئۆرنەك.
  كەينىدە قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپىنجىسى، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى تولا سوقۇشىدىغان، ۋەياكى ئاتا-ئانىسى ئويۇن-تاماشىدىن يىراق كىتەلمەيدىغان……ۋە ياكى ئۆيىدە ھەممە نىمىى تەل، تۇرمۇشى باياشات بالىلاردۇر……
   بۇلارنى ئۆز گەرتىشتە بەكمۇ سەۋىرچان بولۇش، ئۇلارنى كۆپرەك كۈزۈتىش، ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا ماھىر بولۇش، ئۇلاردىن دەرىسلەردە ئاددى نەرسىلەرنى سوراپ، رىغبەتلەندۈرۈپ ئىشەنجە تۇرغۇزۇشقا ياردەم قىلىشىمىز ،سىنىپتىكى ياخشى بالىلارنى سەپەرۋەر قىلىشىمىز، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا كۆپرەك ھەمرا بولۇشىمىز ، ئەڭ مۇھىمى موئەللىملەردە ئۇلارنى سۆيىدىغان قەلىب بولۇشى زۆرۈر……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82125
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3269
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 12:25:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچىدىمۇ بىر خىيال بار ، ئوقۇتقۇچىدىمۇ بىر خىيال-بىر دەرت بار. دەرس بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچى بىرىنچى بۇلۇپ بوش تۇتۇشتىن پەيدا بولىدۇ.قاتتىق تەلەپچان ئۇستاز بولمىسا ۋاقتى بىكار ئۆتىدۇ. ئىككىنچى بۇلۇپ ئاتا-ئانىلىرى بالىسىنىڭ دەردىنى بىلىشى ، نىشان غايە تۇرغۇزىشىغا  يېتەكچىلىك قىلىشى كىرەك . مەن بالامنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە يىراققا ئەۋەتمەيمەن ، ھەقىقى ئادەم بۇلۇشنى ئۈگۈتۈشكە ئۆزەم ئەڭ لايىق دەپ قارايمەن . بالىغا ھەقىقى كۆيىنىدىغان بىر ئۇستاز بولمىسا بولمايدۇ. بۇنداق ئۇستاز بەلكىم مەكتەپتە بار ياكى ئۆيدە بار ياكى سىرتتا بار ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83627
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 03:33:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆگىنىشتە ياخشى بولۇش بۇ پەقەت شۇ ئادەمنىڭ مەلۇم بىر پەنگە بولغان قىززىقىشى بىلەن بەلگىندىكەن. ئادەم قىززىقىش ۋە تىرىشچانلىقنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئۆگىنىشتە ياخشى نەتىجە قازىنالايدۇ.
بەزى ئوقۇتقىچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇ قىززىقىشنى بالىلارنىڭ كۆڭلىگە سالالايدۇ. مەكتەپتە ۋە ئۆيدە ياردىمى يوق بالىلار سىز ئېيتىپ ئۆتكەندك ئۆگىنىشدىن ئاسانلا قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەنمۇ ئۆيدە ھىچقانداق ياردەمسىز ئوقۇپ كەلگەن لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىم بەك ياخشى ئىدى.
ھازىرقى بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگنىشتە ياخشى بولمىغان بالىلارنى ياختۇرمايدۇ ھەم بەكمۇ كارى بولۇپ كەتمەيدۇ. بىر سىنىپتا قانچىلىك بالىنىڭ ئۆگىنىشتە ياخشى بولىشى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىتش ساپاسىغا باغلىقتە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87184
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:27:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تما ئىكەن. ھەمىمىز ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسىلە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100052
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:00:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەڭ مۇھىم چارە؛دەرستا ئارقىدا قالغان شۇ ئوقۇغۇچىنى سەمىمىلىك بىلەن يېنىڭىزغا كەلتۈرۈپ،ئاۋال ئىنسانلىق مېھرىڭىزنى بېرىپ ئاندىن دەرسنى يۇمۇرلۇق ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى زېرىكمەي-تېرىكمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇ مەسىلە بەك تېز ھەل بولىدۇ...(يۈرىكىڭىزدە مەسئۇلىيەت ئۇرغى بولسىلا)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27103
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 1681 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:52:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇتقۇچى ئۈزىگە يۈز كىلەلىگۇدەك خىزمەت مەسئۇلىييەتچانلىقى بىلەن ئىشلىگەندە،مىنىڭچە ئارقىدا قېلىش نىسپىتى تۈۋەن بۇلىدۇ.

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 04:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پەرقلىق؟

(ئوغلانى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)


           ئامېرىكا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى،بولۇپمۇ دۆلەت قارمىقىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مائارىپى جۇڭگۇنىڭكىگە سېلىشتۇرغانداھېچقانچىلىك ئەمەس : ئوخشاش يىللىقنى سېلىشتۇرغاندا ، جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسى بىلىمى ۋە مىسال يىشىش ئىقتىدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئامېرىكائوقۇغۇچىللىرىدىن خېلى ياخشى . سىتانفورد ئونۋېرستىتىدىكى دوكتۇر ما لىپىڭ ئىلگىرى مۇنداق سېلىشتۇرما تەتقىقات قىلىپ باققان ئىدى ، بايقىلىشىچە 23 نەپەر ئختىيارى تەكشۈرۈش قەغىزى ئىشلىگەن ئامېرىكا باشلانغۇچ مۇئەللىمىنىڭ پەقەت 9 نەپىرى 14نى2گە بۆلسە قانچە بولىدىغانلىقىنى توغرا ھېسابلىغان ؛ لېكىن جۇڭگۇنىڭ 72 نەپەرمۇئەللىمىنىڭ ھەممسى توغرا ئىشلىگەن . بۇنىڭدىن سىرت ، «ئىككىدىن بىرگە بۆلۈش» تىن ئىبارەت ماتىماتىكا ئۇقۇمىغا ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئامېرىكىلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇقۇچىسىمۇ بۇنىڭ نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن جۇڭگۇلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ھەممىسى توغرا جاۋاب بەرگەن . ئوقۇتقۇچىمۇ شۇنداق تۇرسا ، ئوقۇغۇچى قانداق بولماقچى ؟
       شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جۇڭگۇلۇق ھەرقانچە ئويلاپمۇ تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ تېگىگە يىتەلمىگەن : ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلىرى شۇنچىلىك تۇرۇپ،نىمىشقا ئامېرىكىنىڭ ئونۋېرستىتلىرى شۇنچىلىك نوچى ؟ نىمىشقا ئامېرىكا تېخنىكا ياكى شەخىسنىڭ يېڭىلىق يارتىشىدا جۇڭگۇنى كەينىگە تاشلايدۇ ؟ نىمىشقا ھەريىلى ئاساسەنئامېرىكا نوبىل مۇكاپاتىنى مونوپۇل قىلىۋالىدۇ ؟
       ئەمەليەتتە جاۋابى بىر ئېغىز سۆز : ئامېرىكىلىق«ئاخىرقى نوقتىدا كەينىدە قالماسلىق»قا ئىشىنىدۇ،جۇڭگۇلۇق «باشلىنىش نوقتىسىدائارقىدا قالماسلىق »قا ئىشىنىدۇ . ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ ئوتتۇرامەكتەپ مائارىپىنى باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ ،جۇڭگۇلۇق بولسا جاننى تىكىپ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرىدۇ . نەتىجىدە يەسلى ، باشلانغۇچ ، تولۇقسىزدا ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگۈتۈپ بولىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندا بولساھەممىنى ئۇنتۇيدۇ .
  ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ مائارىپ پەرقى تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلانغان بولىدۇ .
    بىرىنجى ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى پەرىق : كۆپىنچەئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى بولسا 9-12-يىللىققىچە ، 4 يىللىق ئۈگۈنۈش ۋاقتى بار . لېكىن جۇڭگۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئاران ئىككى يىل ، ئۈچىنجى يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ يېڭى بىلىم ئۈگۈنىدىغان پۇرسىتى  يوقتىيەرلىك بولىدۇ .
    ئىككىنجى ، دەرىسلىكتىكى پەرق : ئامېرىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش نۇمۇرى تۈزۈمى ، شۇڭلاشقا جۇڭگۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپلىرىدىن كۆپ بولغان مەجبۇرى ۋە ئىختىيارى تاللاش دەرىسلىرىنى ئاچالايدۇ . ئادەتتىكى ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى  يۈز دەرىسنى ئاچالايدۇ ، يەنى  كىچىك ئالى مەكتەپ بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ ، بۇ نوقتىدىن جۇڭگۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە .
    ئۈچىنجى : ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيە پەرقى :ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئالىي مەكتەپ دەرسىنى ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئوقۇتقۇچىلارغابولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقرى . ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىدىن كۆپىلىگەن دوكتۇر ئاشتى ،دوكتۇر قاتارلىقلار بار . ئامېرىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسىنىڭ دەرىس دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . جۇڭگۇدا بولسا پىداگوكىكىنى پۈتتۈرسە، تۆت يىل تولۇق كۇرىسنى پۈتتۈرسە، ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى ئىمتاھاندىن ئۆتسىلا ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ . لېكىن ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ، قانداق ئۇنۋان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، چوقۇم ئىككى يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكە دەرسلىكىنى ئوقۇشى كېرەك .بۇ تەربىيلەش ئوقۇشىغىمۇ تېخى  ئىمتاھان بىلەن كىرىپ ، ئىمتاھان بىلەن چىقىدۇ . مەسىلەن بىر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى پىداگوكىنى پۈتتۈرۈپ ئىككى يىل تەربىيلىنىدۇ ، دىمەك ،جۇڭگۇئوقۇتقۇچىسىدىن ئىككى يىل كۆپ تەربىيلىنىدۇ . ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكىنىڭ سىتيۇدىنتلىرى جۇڭگۇلۇق ستيۇدىنلاردىن يامان ، شۇڭلاشقا ، جۇڭگۇنىڭ رەسمى دوكتۇرلۇق ئونۋانىنى ئالغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ سەۋىيسى ئەلۋەتتە جۇڭگۇنىڭكىدىن يۇقرى بولىدۇ . جۇڭگۇدا دوكتۇر ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇتسىمۇ  تېپىلماسنىڭ خورمىسى ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا ،ئوقۇتقۇچى سەۋىيسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جۇڭگۇ ئامېرىكىدىن  بىر دەرىجە ئارقىدا .
    تۆتىنجى ،دەرس تۈرىدىكى پەرق : ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى ،ئىككىنجى يىللىقلىرىغا توغراكىلىدىغان ئوچۇق دەرىسلەرنى ئاچسا بولىدۇ ، جۇڭگۇدا بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا ئالىي مەكتەپ سەۋىيسىدىكى دەرىسلىكلەرنى ئاچمايدۇ .
   بەشىنجى : ئامېرىكا ئونۋېرىستىتلىرى ،تەتقىقات ئورگانلىرى ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، دوختۇرخانا ، سودا ئورگانلىرى ،ھەممىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىللىرىنى قاتناشتۇرۇشقا مەسئۇل بۆلۈملىرى بار . شۇڭلاشقا، ئامېرىكلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالى مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئاڭلاپ ،ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش نۇمۇرىنى ئالالايدۇ . تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىپ ،ئالىملار بىلەن بىللە تەتقىقات قىلالايدۇ ؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغابېرىپ ياردەمچى بولۇپ ، كاتىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىيەلەيدۇ ، ھەتتا بەزى شىتاتلارنىڭ قارمىقىدىكى مائارىپئورۇنلىرىغا كىرىپ ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مائارىپنىڭ ئەڭ يۇقرى قارارىنى چىقىرىشقا قاتنىشالايدۇ . لېكىن جۇڭگۇدا قايسى ئۆلكىنىڭ ئۆلكەباشلىقى ياكى شەھەر باشلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باللىرىنى كاتىپ قىلىدۇ ؟ قايسى بىر تەتقىقات ئورگانلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشتۇرىدۇ ؟
     دىمەك ، جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىللىرى تولۇق ئوتتۇردىلائامېرىكا مائارىپىنىڭ ئارقىدا قالىدۇ ، ئالىي مەكتەپتە تېخىمۇ تەبئىيلا شۇنداق بولىدۇ .
   بۇنىڭدىن ئامېرىكا مائارىپى بىلەن جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ پەرقىنى ئاز بولسىمۇ ھىس قىلغانسىز ؟

مەنبە : http://blog.sina.com.cn/s/blog_9ec6cf980101re3e.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش