attirim يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 01:32 AM
مەن ھالال ئەمەس دىمىدىم بەلكى ئىنىق مەلۇماتنى بىلمەي ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ جانلىقنىڭ ھالال ياكى ھارام بولۇشى بىلەن تۆگە ياكى قوينىڭ ھالال بولۇشى مۇناسىۋەتسىز. بۇ جانلىقنى توردىكىلەر تۆگە قوي دەپ ئاتىۋاپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىن تېپىلىدىغان ئۆز ئالدىغا بىر تۈر بولۇپ، تۆگە بىلەن قوينىڭ چاڭلاشمىسى ئەمەس. بۇ جانلىق رايونىمىزدىن تېپىلمىغاچقا، بۇنى ئەسلى ئىسمى بويىچە لاما دەپ ئالغان ئىدى خۇددى كومپىيۇتېر دېگەننى شۇ پىتى ئالغانغا ئوخشاش. ئەمما ئەڭ توغرىسى قايسى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، تىلشۇناسلار بولسا بىر نېمە دېگىنى تۈزۈك.
مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ جانىۋارنىڭ گۆشىنىڭ ھالال ئىكەنلىكى ئۈستىدە پەتىۋا بار ئىكەنلىكىنى ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىمدا ئېيتقان ئىدىم. شۇڭا تورداشلار سىزنىڭ ئالدىنقى ئىنكاسلارنى ئوقۇسىڭىز ھالال ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە قانداقتۇ دەپ بىلمەي قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپتۇ.