غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچى تونۇشۇمنىڭ ئاچچىق يۇتۇپ دەپ بېرىشىچە، تۈنۈگۈن مەكتەپكە بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى كېلىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ‹‹ بالامنى ئۇرۇشقا نېمە ھەددىڭ؟›› دېگىنىچە شۇ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرماقچى بوپتۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچى ‹‹ ئاۋال بالام نېمە قىپتۇ دەپ سوراڭ، ئاندىن مېنى ئۇرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز›› دېسىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن ئۇ ‹‹دادا›› بالىسىنى ئېلىپ ‹‹ئوقۇما بولدى›› دېگىنىچە پېشىنى قېقىپ كېتىپ قاپتۇ. ئىشنىڭ سەۋەبى مۇنداقكەن:
7-يىللىق مەلۇم سىنىپنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپتىكى قىزلارغا ھاياسىز قىلىقلارنى قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بوپتۇ، يەنى قىزلانىڭ بوينىدىن تۇتۇپ ئېڭىشتۈرۈپ قويۇپ، يانپىشىغا ئۇرىدىكەن ياكى بوتۇلكا تىقىدىكەن، بەزىدە ‹‹ ھەيىز›› ‹‹ ئېھتىلام بولۇش›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قىزلارنى خىجىل قىلىدىكەن، دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمدىن يوشۇرۇنچە مۇشتۇمىنى يۇمۇپ ئۇزۇن بارمىقىنى چىقىرىپ قىزلارغا كۆرسىىتىپ بىمەنە،ھاياسىز شەرەتلەرنى قىلىدىكەن. ‹‹مۇئەللىمگە چاقساڭ، مۇئەللىم سېنى ئوبۇرنىغا ئەكىرىپ...قىلىدۇ›› دەيدىكەن.
يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى دەپ يۈرمىسەممۇ بولار.قىسقىسى ئغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ (13-14 ياشلىق بالىلار) ئەخلاقى شۇ دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ ئوقۇتقۇچى شۇ سىنىپ قىزلىرىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەبلىنىپ، شۇ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا قىز قېرىنداشلىرىغا ھاقارەت قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىپتۇ ھەم باش يېتەكلىگۈچى، قارا جەمىيەت تۈسىدىكى تەشكىللىگۈچى ئوقۇغۇچىدىن ئۈچىنى تۇرغۇزۇپ نوقۇپتۇ ۋە گەدىنىگە بىر-ئىككى شاپىلاق ساپتۇ. چۈنكى ئۈچ ئايدىن بۇيان ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى سۆز سىلىق تەربىيە، نەسىھەت قىلچە كار قىلمىغان ئىكەن...
___________________________
شۇ ئوقۇتقۇچى تونۇشۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆكتەملىكى بۇ بىر قېتىملىقلا ئەمەسكەن.
قېرىنداشلىرىم، ئاتا-ئانىلار نېمىشقا مەكتەپلىرىمىزگە خالىغانچە باستۇرۇپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ھاقارەت قىلالايدۇ؟ نېمىشقا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش-تەربىيىلەشكە ئامالسىز قالىدۇ؟
نېمىشقا باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىز مەكتەپ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى جازالاشقا ئامالسىز؟
نېمىشقا ئوقۇغۇچىلارنى پەقەت ماختاشقىلا بولىدۇ، تەنقىدلەشكە بولمايدۇ؟
http://bbs.bagdax.cn/thread-25143-1-1.html