http://v.youku.com/v_show/id_XNDI1MTI2OTg0.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ فىلىم ئىپادىلىگەن مەزمۇن بىر قەدەر ياخشى ئىكەن ، تىخمۇ كۆپ قىرىنداشلىرمنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن يىرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاساسى ئىپادىلىگەن مەزمىنىنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم ،20 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ ھەمدە بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ ،مىنىڭ بۇ قىلغان ئەمگىكىم سىزگە ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلالىسا مىنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم بولغان بولاتتى .
بالام ،بىر كۈنى مىنىڭ بارا بارا قىرىپ كىتىۋاتقانلىقمنى ،ئىنكاسىمنىڭ بارا بارا ئاستىلاۋاتقانلىقىنى ،بەللىرىم مۈكچىيىپ ھەركەت قىلىشقا ئامالسىز قىلىۋاتقان ھالىتىمنى كۆرگەن ۋاقتىڭدا ،سەۋىرچانلىق بىلەن مىنى چۈشەنگىن .......... مەن تاماقنىمۇ ئۆزۈم يىيەلمەيدىغان،كىيىمنىمۇ ئۆزۈم كىيەلمىگىدەك ھالەتكە كىرىپ قالغان ۋاقتىمدا مىنى مازاق قىلمىغىن.سەۋىرچان بول ... ئىسىڭدە بولسۇن، ،سەن كىچىك ۋاقتىڭدا،مەن نەچچە كۈن ،نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سەن ھازىر بەكمۇ ئاددى دەپ قارىغان قانداق تاماق يىيىش ،قانداق كىيىم كىيىشتەك بۇ ئىشلارنى ساڭا ئاران تەستە ئۆگەتكەن ئىدىم . كىشلىك ھاياتنىڭ بىرىنجى قەدىمىگە قانداق يۈزلىنىشنى بىلدۈرگەن ئىدىم . مەن ئوخشاش بىر ئىشنى قايتا قايتا تەكرارلاپ تەكىتلىگەن ۋاقتىمدا مىنىڭ گىپىمنى بۆلۈۋەتمە ،ئەڭ ئاۋۋال مىنىڭ دىگىنىمنى ئاڭلا. سەن كىچىك ۋاقتىڭدا مەن ئوخشاش بىر ھىكايىنى قايتا قايتا ئوقۇپ بەرسەم ،مىنىڭ ئىيتىپ بەرگەن ھىكايەمنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ شىرىن ئۇيغۇلارغا كىتەتتىڭ ،سەن شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەندىن كىيىن ئاندىن ھىكايەمنى توختىتاتتىم.ھازىر مەن بۇ ھالىتىمدە ئۆزۈمنىڭ نىمە دىگىنىمنىمۇ بىلەلمەي قالسام سەن ھەرگىز جىددىلەشمە ،مىنىڭ نەزىرىمدە ھازىر مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى گەپ قىلىش ئەمەس ،بىر دەم بولسىمۇ سەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ،ساڭا قاراپ ئولتۇرۇش . مەن سىرتلارغا ئايلىنىپ كىرىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ ئۆينى تاپالمىغان ۋاقتىمدا سەن ھەرگىز ئاچچىغلانما ،مىنى ھەرگىز سىرتتا يالغۇز تاشلاپ قويما ،سەن مىنى ئىزدەپ تىپىپ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئىلىپ كەت . ئىسىڭدىمۇ ؟سەن كىچىك ۋاقتىڭدا دوستلىرىڭ بىلەن سىرتلارغا ئوينىغىلى چىقىپ يولدىن ئىزىپ قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كىلەلمەي مىنى قانچىلك جىددىلەشتۈرۋەتكەنلىكىڭ ئىسىڭدىمۇ ؟ ئەقلى ھۇشۇمنى يىغالماي تاماق قاچىسىنى دىققەتسىزلىكتىن يەرگە تاشلىۋەتكەن ۋاقتىمدا مىنى تىللىما . ئىسىڭدىمۇ ؟ ،سەن كىچىك ۋاقتىڭدا قانچىلىغان قىتىم تاماق قاچىسىنى يەرگە تاشلىۋەتكىنىڭ ،مەن شۇ ۋاقىتتا ھىچقانداق ئاچچىقلانماي چوكىنى قانداق تۇتۇش ،قانداق تاماق يىيىشنى ئۈگەتكىنىم . مىنىڭ پۇت قوللۇرۇم ئۆزۈمنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنمىغان ۋاقتتا مىنى يۆلەپ ماڭ ،ئەنە شۇ سەن مىڭىشنى ئۈگەنگەن بىرىنجى قەدىمىڭدە مەن سىنى يۆلەپ ماڭغانغا ئوخشاش . مەن ساڭا يىقىنلاشقان ۋاقتىمدا ،سىنىڭ كىيىم كىچەكلىرىڭ مەينەتكەن دەپ مەندىن قاچما ،ئاچچىقلانما ،ھەرگىز مەندىن ئاغرىنما.ئەكىسچە مىنى قۇچاقلاپ قوي.ئەنە شۇ ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا ياردەملىشىپ كىشلىك ھاياتنىڭ يەلكىسىنى ئاچقانغا ئوخشاش .مىنى چۈشەنگىن ،مەن سىرتلارغا چىقماقچى بولسام مىنى ھەر ۋاقىت يۆلەپ ماڭغىن.سەۋىرچانلىق بىلەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەدىممنى بىسىشىمغا ياردەم قىلغىن . پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئاتا ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزى :جىنىم بالام . يىنىمدا بىردەپ بولسىمۇ تۇرغىن ،مەن ئۇزاق بىر كۆرۈۋالاي ،جىنىم بالام سىنىڭ بارلىق سوۋغاتلىرىڭىدىن بۇ دىدارىڭ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئەۋزەل . ئەگەر ئاتا ئانىڭىز سىزدىن ئاللىقاچان ئايرىلغان بولسا ،سىز بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن چوقۇم ئاتا ئانىڭىزنى ئەسلەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ،بەزىلەر ئاتا ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىغانلىقىدىن ،ئاتا ئانىسىنى قاقشاتقانلىقىدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن،چوڭقۇر ئازاپقا چۆكۈشى مۇمكىن . ئەگەر سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز ھايات بولسا ھازىردىن باشلاپ ئاتا ئانىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنى قەتتى ئۇنتماڭ ،ئەگەر يىنىدا بولسىڭىز ھەر دائىم قولىغا قول پۇتىغا پۇت بولۇڭ،ئەگەر سىز يىراقتا بولسىڭىز پات پات ۋاقىت چىىقىرىپ ئاتا ئانىڭىزغا تىلفۇن قىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئەھۋال سوراشنى ئۇنۇتماڭ.ئىسىڭىزدە بولسۇن ، بۇ دۇنيادا ئاتا ئانا مىھرىدەك ئۇلۇغ مىھىر يوقتۇر .ئاتا ئانا رازى ئاللاھ رازىدۇر ،شۇڭا ئاتا ئانىڭىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى ئوبدان رازى قىلىشنى ئۇنۇتماڭ . ئۇلار ھەركەت ئىقتىدارىدىن قالغان ،ئەقلى ئىقتىدارىنى يوقاتقان ۋاقىتتا ئاتا ئانىڭىزغا ھەرگىز قوپال تەگمەڭ ،ئاتا ئانىڭىز ئىسسىقنى ئىسسىق دىمەي ،سوغۇقنى سوغۇق دىمەي قاتمۇقات مۈشكۈل جاپالارنى تارتىپ بىزنى بىقىپ چوڭ قىلىپ مۇشۇنداق قاتارغا قوشمىقى ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس ،شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايلى ،ھالىتىغا يىتەيلى .چۈنكى بىز ھەممىمىز بىر كۈنى ئاتا ئانا بولىمىز ،بىزمۇ ھامان بىر كۈنى شۇ ئاتا ئانىمىزغا ئوخشاش قىرىيمىز ،ھەركەت ئىقتىدارىمىزدىن قالىمىز ،ئەقلى ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىمىز .سىزمۇ شۇنداق كۈنلەرنى ئولتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟مۇشۇنداق ياشقا بىرىپ قالغاندا كۈنلىرڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاتا ئانىنىڭ يەنە بىر يۈرەك سۆزى : بالام مەن ھايات ۋاقتىمدا سىنىڭ بىر مىنۇت بولسىمۇ ماڭا كۆپرك ھەمراھ بولىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن،مەن بۇدۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن مىنىڭ قەبرەم ئالدىدا كىچە كىچىلەپ تۈنىشىڭنى ئۈمۈد قىلمايمەن . بالام مەن ھايات ۋاقتىمدا سىرتلارغا چىقسام مىنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ مىنى يۆلەپ ماڭسىكەن ،ماڭا يىقىندىن يار يۆلەكتە بولسىكەن دىگەننى ئۈمۈد قىلمەن.مەن بۇدۇنيادىن كەتكەندىن يىغلاپ ھۆڭرەپ يۈرۈشىڭىنى ئۈمۈدقىلمايمەن . بالام ،مەن ھايات ۋاقتىمدا ناۋادا سەن،يىراقلارغا كىتىپ قالساڭ ماڭا بىر تىلفۇن قىلىپ مىنىڭ ھالىمنى بىر سوراپ قويساڭ ،مەنمۇ سىنىڭ ئاۋازىڭنى پات پات بىر ئاڭلاپ تۇرسام دىگەننى ئۈمۈد قىلىمەن . مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن ھەر كۈنى مىنىڭ قەبرەمنى يوقلاپ تۇرسىكەن دىگەننى ئۈمۈد قىلمايمەن . دوستۇم ۋاقىتنى قەدىرلەڭ ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ ،دوستۇم سىز ھازىرغىچە ئاتا ئانىڭزغا :دادا ،ئاپا جاپا تارتتىڭىز،بىردەم بولسىمۇ ئارام ئىلىڭ دەپ باقتىڭىزمۇ ؟ھازىرغىچە سوراپ باقمىغان بولسىڭىز سوراپ قويۇڭ ،ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىكىن قىنى. مىنىڭ 422دوستۇم بار ،لىكىن مەن ھەرۋاقىت بەكمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلىمەن ،گەرچە مەن ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشپ تۇرساممۇ لىكىن ھىچكىم مىنى ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ . بۇ بولسا ھازىرقى 21 –ئەسىردە ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر . ئىلگىرى بىز پاراڭلاشساق كۆز نۇرىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ كۆز نۇرىغا ئۇچراشتۇرۇپ پاراڭلىشاتتۇق ،ھازىر بولساق تلفۇن بولسۇن مەيلى كومپىيۇتىر بولسۇن ئىكرانىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىغا قاراپ پاراڭلىشىدىغان بولدۇق . ھازىر بىز دەۋاتقان «ۋاستىلىق جەمىئەت ئالاقە»ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقاپ كومپىيۇتىرنى ئىچىپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئەمەستۇر . بىز دائىم تىلغا پەن تىخنىكىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئەسلى بىر ساختا سىزىم . بىز ھازىر پەن تىخنىكىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىمىز ،بىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىمىز تور يولى بىلەن تەرەپ تەرەپكە تاراۋاتىدۇ .تور دۇنياسىدىكى تۇرمۇش بىر خىيالى تۇرمۇش ،مەيلى سىز تور دۇنياسىدىكى تۇرمۇشتىن قانداق ھوزۇر ئىلىڭ يەنىلا ئەمەليى تۇرمۇشتىىن كەلگەن ھوزۇرغا يەتمەيدۇ. قىنى دوستۇم ،كىلىڭ ،بىز بىرلىكتە كومپىيۇترنى ئۆچۈرۋىتىپ،تىلفۇننى بىردەم بولسىمۇ تاشلاپ قويۇپ تور دۇنياسىدىن ئايرىلىپ سىىرتقى دۇنياغابىرلىكتە نەزەر سالايلى .سىرتقى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇر بەخىش ئالايلى .
مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرسىلا ئۇدۇل ئۆيگە قايتماي دوستلىرىم بىلەن بىللە ئىلەڭگۈچ ئۇچاتتىم ،مۈكۈ -مۈكۈلەڭ ئوينايتتىم ،باغچىلارغا بىرىپ سەيلە قىلاتتىم ھازىرچۇ ؟گۈزەل باغچىلار ئادەمسىزجىمجىتلىققا تولدى ،ئىلەڭگۈچلەرنى ئوينىغىلى ئادەم يوق توپا باستى ، Ipad،كومپىيوتىر دىكى ئويۇنلار ھازىرقى بالىلارنىڭ .ئەڭياقتۇرىدىغان ئويۇنچۇق قورالىغا ئايلاندى . بىز ئەتراپقا نەزەر سالساق بۇدۇنياداپەقەتلا مۇنداق ئىككى نەرسە ئىشىپ قالغاندەك قىلىدۇز:ئەقليى تىلفۇن ۋە بىر توپ دۆت ئادەملەر . شۇڭلاشقا تىلفۇننى تاشلاڭ ،بىردەم بولسىمۇ تورنى تاقاڭ ،ئەمەليى تۇرمۇشقا ئاتلىنىڭ ،سىزگە خەرىتە كىرەك ئەمەس ،سىز يول سورىغاندا بىر ناتونۇش كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالسىڭىز ،بەلكىم ئۇ ناتونۇش كىشى سىزنىڭ بىر ئۆمۈر قەدىناس ھەمراھىڭزغا ئايلىنىپ قىلىشمۇ بۇ ھەمراھ بىلەن كىشلىك ھاياتىڭىزدىكى بەختىڭىزنى تىپىپ چىقالىشىڭىز مۇ مۇمكىن . شۇڭا دوستۇم ،بىشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ ،توردۇنياسىدىن بىردەم بولىسمۇ ئايرىلىڭ ،ئەمەليى دۇنيادىكى تۇرمۇشقا ئاتلىنىڭ
بىزنىڭ ھاياتىمىز ناھايتىمۇ چەكلىك ،بىز بۇ قىممەتلىك قىسقا ھاياتىمىزنى مەۋھۇم توردۇنياسدا ئىسراپ قىلىۋەتمەيلى .
يۈرۈڭ ،ئەمدى تىلفۇنغا قارىماڭ ،بۇفىلىمگىمۇ قارىماڭ ،
ھەقىقى دۇنيادىكى تۇرمۇشقا ئاتلىنىپتۇرمۇشنىڭ ھەقىقى ھوزورىنى سۈرۈڭ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر يازما بار ،بۇ يازمىنىمۇ تورداشلارغا تەۋىسيە قىلاي :
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارلىق
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=116638&fromuid=98810
بۇدۇنيادىكى بارلىق ئاتا ئانىلارنىڭ تىنىنىڭ ساق سالامەت بولىشنى ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى تىلەيمەن .
تەييارلىغۇچى :مۇھەممەتنىياز خۇدابەردى
خاربىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-30 07:52 PM
|