zaghun يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 10:46 AM
رەگەتكە :
زادى مۇشۇ ئاق كېسەلىك دېگەن نېمە سەۋەبتىن پەي ...
مەنمۇ بىر بىمار ئائىلىسىدىن. دوختۇر ئەمەس. شۇڭا سىزگە مەن قانائەتنىلەرلىك جاۋاپ بىرەلمەي قالىمەن.
ئەمدى كېسەللىكنىڭ داۋالىنىشىغا نىمىشقا شۇنچىلىك پۇل كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، مەن بۇ جەھەتتە سىزگە جاۋاپ بىرەلەيمەن. ئاق كىسەل پەيدا بولغاندا ۋاقتىدا داۋالانسا ئۇنى تىزگىنلەپ قاغىلى بولىدىكەن. لىكىن بۇنىڭدا پەرھىز قىلىش بەك تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا پەرھىزنى تۇتالماي قالسىڭىز بۇ كىسەل يەنە ئاينىشقا باشلايدىكەن. بىز بىمارنى خوتەنگە، قەشقەرگە، غۇلجىغا، ئۈرۈمچىگە، ... ئۇيغۇر تىبابىتىدە،غەرىپ تىبابىتىدە، جۇڭگوچە تىبابەتلاردە، كوپ داۋالىتىپ ئاخىرى بەدەندىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇش سەۋەپلىك داۋالىتىشنى توختاتقان. مۇشۇ جەريانلاردا بەلكىم كەتكەن خىراجەت 100مىڭ يۇەندىن ئارتىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. باشقىلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئايالىم داۋالىتىشنى توختۇتۇپ بىر ئككى يىل ئىچىدە پۇتۇن بەدىنى ئاق ھالەتكە كىلىپ بولدى. ۋە باشقىلار ئۇنىڭ ئاق كىسەل ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى بولغاي. ئەمما ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلىغىنى ئىچكەندىن كىيىن ئوزىدىكى باشقا كىسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلىنىش بىلەن بىرگە بەدەنلىرىدە قارا پېگمىنىتلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بىز كىسەلنىڭ ساقىيىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق، ئەمما بۇ ئوزۇقلۇق ھەممە كىسەلنى ساقايتىمەن دەپ بىز ئارزۇ قىلمايدىغان كىسەللەرنىمۇ ساقايتىشقا باشلىغاچقا ئامالسىز توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇق.
بەلكىم بەزىلەر كىسەلنىڭ ساقىيىشىنىمۇ ئارزۇ قىلمايدىغان بىمار بولامدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىز دەل شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.