zaghun يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 10:36 AM
1miskal :
سىز مەخسۇس مۇشۇ ئالتۇن-كۈمۈشكە يېقىن كەسىپتە ئوق ...
مەن ئالتۇن زىبۇ زىننەت تىجارىتى قىلىمەن . مىللىتىمىزدە ئەزەلدىن ئالتۇن ساقلايدىغان ئادەت بار . يەنى ئالتۇن دىگەن ئۆلمەس پۇل . ھامان باشقا كۈن چۈشسە ئەسقاتىدۇ دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ قىلىدۇ . شۇڭا قولىدا ئىشىنچە پۇل بولسىلا ئالتۇن زىبۇ -زىننەت ياكى خام ئالتۇن ، تىللا دىگەندەكلەرنى ئىلىپ ساقلاپ قۇيۇشقا ئادەتلەنگەن .
مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئادىتى ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش ھاياتىدا شەكىللەنگەن . يەنى قەغەز پۇل
قىممىتىنى يۇقۇتۇپ پاخاللىشىپ كەتكەن ۋاقىتتىمۇ يەنىلا ئالتۇن ئۆز قىممىتىنى يۇقاتمايدۇ .
گومىنداڭ پۇلى فابى بۇنىڭ مىسالى .
بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى بارمۇ يۇق دىگەن سۇئالىڭىزغا مۇنداق جاۋاپ بىرەي . ئۇيغۇر زەرگەرچىلىقى ھازىر چوڭ خىرىسقا دۈچ كەلدى دىسەك بولىدۇ . بەش ئون يىل ئىلگىرى زەرگەرلەر قەدىمى مىراس زىبۇ -زىننەتلەرنى ياكى يىڭى زىبۇ زىننەتلەرنى مۇرەككەپ قول ھۈنەر ئاساسىدا ئۆزى ئىشلەپچىقراتتى . ھازىر ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرى كەڭ ئومۇملاشتى . قولدا ئىشلەيدىغان ئىشلار ئاساسەن يۇقىدى . زەرگەرلەر ھازىر ئاساسەن مال كىرگۈزۈپ ساتىدىغان ئالتۇن سودىگەرلىرىگە ئايلاندى .
مۇنداق بولغاندا سودا ئايلىنشى تىز بىراق ئالدىغان پايدا ئاز . يەنى ھازىر بىر گىرام ئالتۇن زىبۇ زىننەت ساتسا گىرامىدا ئالغان پايدىسى ئون يۈەن ئەتراپىدا .
ئىستىقبالى بارمۇ دىسىڭىز مەبلەغ كۆپ بولسا بار . مەبلەغ ئاز بولسا ئىستىقبالى يۇق .
نىمىشقا دىسىڭىز بۇ 300 يۈەن مەبلەغ سىلىپ ئون يۈەن پايدا ئالدىغان ئىش بولغاندىكىن
مەبلەغ كۆپ بولسا ئاندىن ئۈنۈمى كۆرلىدۇ .