sardar.0998 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 08:10 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىرىمجان قانداق ئەھۋالىڭىز ، مەن س ...
رەسىم يوللىغان توردىشىمىزنى توغرا چۈشىنەيلى . دېھقانلار رەسىملىرى دەپ بىر كۇرۇس بار . شۇ كۇرۇسلاردا مۇشۇ خىلدىكى رەسىملار كۆپ سىزلىدۇ . بۇ خىلدىكى رەسىم ئۇسۇلىبىدا كەسپى رەسساملاردەك سىزماقچى بولغان نەرسىنىڭ بەدئېيلىگىنى ئىنىق كۆرسۈتۈپ سىزىش تەلەپ قىلىنغاندەك تەلەپ قىلنمايدۇ . تەلەپ قىلىندىغىنى تېما قىلماقچى بولغان مەزمۇننىڭ ئاساسى تېمىسى شەكل بىلەن ئىپادىلىنىشنىلا ۋە رەڭ جەھەتتىنمۇ ئاساسى رەڭ يەنى ئانا رەڭ دەپ قويمىز شۇ خىل رەڭ بىلەنلا بوياشنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ قارايمەن .
مۇنداق دىيشىم مەن گۈزل-سەنئەت كەسپىگە ئىمتاھان بەرگەندە بىزگە قويۇپ بەرگەن جىسىم بىر دانە پىيالە ، بىر كومىزەك ، بىر دانە تۇخۇم ۋە بىر دانە ۋارۇنكا ئىدى ئىمتاھان ۋاقتى ئۈچ سائەت ئىدى . ھاۋا بەك ئىسىق بولغاچ ئىمتاھان مەيدانى ئوت ئىسىق ئىدى مەن بىر يىرىم سائەت بولا-بولمايلا ئىمتاھان قەغىزىنى تاپشۇرۋەتكەن ئىدىم . شۇ ۋاقىتتا مىنى ئىككى سەۋەپ بىلەن ئىمتاھان قەغىزىمنى بىكار قىلىۋەتكەن بىرسى ئىتھان قەغىزنى بۇرۇن تاپشۇرغان يەنە بىر سەۋەپ مەن تېما ئۈستىدە كۈتكەن تەلەپتىن ھالقىپ تەلەپ قلمىغان تەرەپلەرنى يورۇتۇپ چىققانلىقىم ئۈچۈن . بىراق مەن يۇقۇرلاپ ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ ئۆيگە قايتىپ تۆت-بەش ئايچە بولغاندا يۇقۇرى دەرىجىلىك گۈزەل-سەنئەت ئورۇنلىرىدىن بىر كىشى ئېزدەپ كەلگەنگەن ئىمتاھان ئالغان خادىم مىنىڭ دوستۇم ئىدى نەچچە ئاي ئالدىدا ئالغان ئىمتاھان ئىشىدا سىنىڭ ئىمتاھان قەغىزىنى ساقلاپ قاپتىكەن دەپ . يۇقۇرلاپ ئوقۇشنى رەت قىلىپ ئۆيدە قالغان ئىدىم .
شۇ ۋاقىتتا ئۇلار سايە بىلەن يورۇقلۇق ۋە قايىتقان نۇر ۋە شۇ ئۈچ خىل جىسىمنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئورنىلا ئىدى مەن بۇلاردىن ھالقىپ سىدام سىزىش ئۇسۇلىبى بىلەن فوتۇ ئاپاراتتا تارتىلغان رەسىمدەك قىلىپ قويۇپتىمەنمىشمەنكەنمەنشمەن .
ھىلىقى بىر رەسىم بارغۇ پىكاسسونىڭ ، باھاسى 220 نەچچە مىلىيون ئامېرىكا دوللىرلىق. بىرنجى سېنىپنىڭ باللىرى سىزغاندەك ھەجە-مەجە جىجاش ئۇسۇلىبى بىلەن سىسىزلغان كۆرسەم-كۆرسەم نېرۋام قوداڭشىپ بۇرۇقتىما بوپ قالىمەن . شۇ رەسىمنى كۆرسىڭىز رەسساملىق ھەققىدە خىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالسىز.
ماڭا رەسىملەر ئىچىدە داۋىت « داۋۇت» پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئەيسا پەيغەمبەر تېما قىلغان « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا » ئۇندىن قالسا ئىتالىيە رەسساملىرىنىڭ ئەر-ئاياللار بەدىننىڭ سىرىتقى ئاناتومىيە تۈزلىشىنى ئاساس قىلغان يىرم-يالىڭاچ سۈرەتلىرى ۋە چىركاۋنىڭ ئىچى-سىرتىغا ئويغان ھەيكەللەر .......ھەقىقەتەن يارايدۇ . كۆرگەنلا كىشىىڭ ئىچ-ئىچىدىن قايىللىقىنى قوزغايدۇ .