بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 12:37 PM
بۇ تىمىنى تەستىقلىغان ھۆكۆمران دىگەن باشقۇرغۇچى تىما ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مېنىڭ مۇبارەك تور نامىمنى ‹‹ئالاھىدە›› تىلغا ئالغانلىقىڭىزغا ‹‹رەخمەت››.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مېنىڭ ياشاش پىرىنسىپىمنىڭ 1-تۈپ ئۆلچىمى بولسا ھەرقانداق ئىشقا نىسبەتەن ئەستايىدىل بولۇش. شۇ سەۋەپ مەندە ئەزەلدىن تېمىنى ئوقۇماي تۇرۇپ تەستىقلايدىغان ئادەت بولۇپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.
ئاۋال كېيىنكى بەتتىكى ئىنكاسلارنىمۇ تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ!
ئەگەر مۇشۇ ھىكايىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەنلەر بولسا سەۋەبنى ئاپتوردىن ئەمەس بەلكىم ئۆزىدىن ئىزدەپ بېقىشى كېرەك. يۇقارقى بىر نەچچە تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى بالىلارنىڭ تەھلىل قىلىش، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ كۈچىمىسەك نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىرگە تويۇنغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلىشى، شۇنىڭدىن بەدىئى زوق ئېلىپ ئۆز ھايات يولىدىكى مەسىلىلەرگە تەدبىقلىيالىشى بەسى مۈشكۈل ئىكەن.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژورنىلىغا بېسىلغان بەزى ماقالىلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئاران چۈشىنەلەيمەن.
بىر ئەسەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئاستا، چۈشىنىپ ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەندىلا ھەر قانداق ئەسەردە ئىپادە قىلىنغان ئىدىيەنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-28 08:19 PM