|
|
|
|
خەنزۇچە خەتلەرنى ئاسان ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى
ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە خەتنى ئىگىلىشى ئانچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى ، خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئىلىپبەلىك يېزىق تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە خەتلەرنى ئەستە ساقلاشقا ئاسان ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ . قانداق قىلغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەنزۇچەخەتلەرنى ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ.
1. يېزىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.2 Q i# J( Y9 n, H
بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك .8 P4 U+ C, I# Y3 y. A
1) يېڭى خەتنى ئۆگەنگەندە ئاۋۋال تەپىسلىي كۆزىىتش، ئاندىن يېزىپ مەشىق قىلىش لازىم . چۈنكى ، خەنزۇچە خەتلەر ئىچىدىكى ھەر قانداق مۇرەككەپ خەتمۇ بىر قانچە تاق خەتلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بىرىكمە خەتلەرنى ئۆگەنگەندە ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئالاھدىلىكىدىن پايدىلانساق ، ئەستە ساقلاش ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن ، « 碧» ( زۇمرەت ، كۆك ، كۆكۈش ) دېگەن خەت «王» ، ، «石»« 白» غا پارچىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ تاقخەتنى بىرلەشتۈرسەك ،«碧» دېگەن خەت ھاسىل بولىدۇ. « 衷» ( چىن قەلىب، چىن يۈرەك ) دېگەن خەت بولۇپ « 衣» ، « 中» غا پارچىلىنىدۇ، بۇ ئىككى خەتنى بىرلەشتۈرسەك ، « 衷» دېگەن خەت شەكىللىنىدۇ. خەنزۇچە خەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆگەنگەندە ئاددىي ھەم ئاسان ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ.7 R; b1 _: \) Q* {* P O1 L
2) بۇرۇن ئۆگەنگەن خەتلەرنى ئاۋۋال قارىماي تۇرۇپ يېزىش، ئاندىن كىتابتىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ خاتالىقىنى تېپىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش لازىم . بۇنداق قىلغاندا بۇرۇن دىققەت قىلمىغان نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىغىلى بولىدۇ.5 W& P3 R c- W' i
3) ئۆگىنىپ بولغان خەتلەر بىلەن يېڭى ئۆگەنمەكچى بولغان خەتنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ يېزىپ ئۆگىنىش ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۆز ئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان خەتلەرنى ئالماشتۇرپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ( ئاساسەن يان بۆلەك جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىدۇ. ) . مەسىلەن ، يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولغان « 泡» دېگەن خەتنى مىسالغا ئالايلى . بىز بۇرۇن « 抱» ( قۇچاقلاش ) «跑» ( يۈگۈرۈش ) دېگەندەك خەتلەرنى ئۆگىنىپ بولغان . شۇڭا ، بىز بۇ يەردە « 泡» خېتىنىڭ ( چىلاش ) دېگەن مەنىسى بارلىقىنى ھەمدە « سۇ » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئالدىغا « 氵» ئىشلتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز . مانا بۇ ، خەتلەرنىڭ مەنىسى ، ئوقۇلۇشىنى تەڭ ئەستە ساقلىغلى ۋە ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل .
2. خەت مەنىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.- b0 O. B3 ?2 H$ N0 x! x, p0 L( {, K1 G
خەنزۇچە خەت ئوبرازىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەنە ئىپادىلەيدىغان يېزىق بولۇپ ، خەتنىڭ مەنىسى يان بۆلەكتىن ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا ، يەنە باشقا بۆلەكلەرىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۆگەنسەك ، خەت ئۆگىنىشتىكى زېرىكىشلىكىنى يەڭگىلى ، خەتنى ئاسان ئەستەساقلىغىلى ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ، « 尖» ( ئۇچلۇق ) دېگەن خەت « 小» (كىچىك ) ، « 大» (چوڭ ) ئۇچى كىچىك ، تۈۋى يوغان نەرسە ئەلۋەتتە ئۇچلۇق بولىدۇ ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
« 男» ( ئەر ) دېگەن خەت، « 田» ( ئېتىز ) ___ « 力» ( كۈچ ) ئېتىزغا كۈچ چىقرىدىغان ئادەم « ئەر » دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.9 k* ?, r. q0 }& S
يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق خەتلەرنى ياخشى ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، يەنىخەتلەرنى داۋاملىق تەكرار قىلىپ تۇرۇش كېرەك . تەكرار قىلغاندا دەسلەپتە قىسقا ۋاقىت تەكرار قىلىش، كېيىن بارا - بارا ۋاقىتنى ئۇزارتىپ تەكرارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك .
3. خەنزۇ يېزىقىدىكى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.
دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا كۆرگەن كىتاب كۆپىنچە تىل ئۆگەنگۈچى قىزىقىدىغان تېمىدىكى كىتاب بولىدۇ. شۇڭا ، مەزمۇننى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ- دە ، بىلمىگەن خەتلەرنى لۇغەتتىن تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرسلىكتە دىققەت قىلمىغان ياكى چۈشەنمىگەن خەتلەرنى بۇ كىتابتا ئۇچراتقاندا بۇ خەتلەر تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشىگە ، ئەتراپلىق تەھىلىل يۈرگۈزۈشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇ تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا ، تۇنۇق ، چۈشىنىش قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ۋە خەتلەرنى ئەستە قالدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، يەنى ئۇلارنى كەڭ دائىردىكى بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ.
« شىنجاڭ مائارىپ » ژورنلىدن .http://www.illiq.biz/thread-3735-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا deris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-28 02:05 PM
|
|
|
|
|
|