مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Yarmohammed

ناچار ئادەملەردىن يىراق تۇرۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 07:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرزىمەس ئىشلاردا ئەسكىلەر بىلەن تەڭ بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىۋالساق ئەلۋەتتە بولمايدۇ. لېكىن مەزكۇر يازمىنىڭ باشلىنىشىدا بايان قىلىنغاندەك ئارنومۇسقا ياكى ھەق-ناھەققە  تاقىشىدىغان ئىشلاردا قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنداقلار سىزدىن نان تالاشسا نان بەرسىڭىز بولىدۇ،مەنپەئەت تالاشسا مەنپەئەت ئۆتۈنسىڭىزمۇ بولىدۇ،لېكىن بوزەك قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق سىزنى كۆزگە ئىلماي مۇشتۇمزورلۇق قىلسا ئۇنداقلارنىڭ ئەدىۋىنى چوقۇم بېرىش كېرەك،شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئىمكانىيەت بولمىسا،ۋاقتىنچە يول قويۇشقا بولىدۇ،لېكىن كەينىدىن پۇرسەت چىقىرىپ ئۇلارنى ئەدەپلەش كېرەك.
   ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باشقىلارغا يول قويۇش،ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىش بولسا ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل پەزىلەت،لېكىن زورلۇق  ياكى كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەن شارائىتتا يول قويۇش ياكى مەنپەئەت ئۆتۈنۈش بولسا شەرمەندىلىك.ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت -ھۆرمىتى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا جېنىدىن ئايرىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا شېھىتلىك دەرىجىسىنى ئاتا قىلىدۇ.
  مال-مۈلكىمىز،خوتۇن-قىزلىرىمىز ۋە ئىنسانىي ئىززەت ھۆرمىتىمىزگە ھېچ قانداق قارا قولنىڭ ئۇزۇتۇلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك،بولمىسا ئېغىر گۇناھنى شىللىمىزگە يۈكلىۋالىمىز،ئىنسانىي قىممىتىمىزدىن مەھرۇم بولۇپ قالىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-1 07:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 07:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيانى چوقۇم ياخشىلارنىڭ دۇنياسى قىلىش كېرەك،ھەرگىز مۇتىھەملەرنىڭ،ئادالەتسىزلەرنىڭ دۇنياسىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم. مەن بىلىدىغان مۇتىھەملەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ  قانجۇقلىرى،يول قويۇدىغان بوزەكلەرنى ئىزدەپ شىللىسىگە مىنىشنىلا بىلىدۇ،ئەركەكلەردىن بولسا ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەقىقى ئەزىمەتلەر بولسا شۇنداق مۇلايىم،بىر ئىنسانغا ئازار بېرىشنى خالىمايدۇ.

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2734
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 08:00:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتسىلا بولىدۇ  .....چۈنكى سىزدە ئۇنىڭ بىلەن سىناشقىدەك كۈچ ،ئەقىل ياراسەت بار ،لىكىن ئۇلار سىز بىلەن  بىر پەلەمپەيدىكىسى ئەمەس  ....

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12706
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31892
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4636 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 10:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ياماندىن يار بويى قاچ›‹دېگەن بىر گەپ بار،بىر قىسىم مۇتىھەم،توخۇ پوقى كىشىلەر بىلەن تەڭ بولمىغان ياخشى....

تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە يازمىكەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 11:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشقا قايل بولدۇم، جەمئىيەتتىكى ئادىمىيلىك ئەخلاق، ئىنسانىي پەزىلەتنى بىلمەيدىغان مەرەزدار كىشىلەردىن ئۆزىمىزنى تارتقىنىمىز ھەرگىزمۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى
ئەمەس، بەلكى ئەسكى بىلەن تەڭ بولمىغانلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11745
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3131 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 11:58:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەككىسىنى  بېرىشكە تىگىشلىك  پەيتلەردە  ئانچە-مۇنچە  تەككۈزۈپ  قويمىسىمۇ  بولمايدۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 01:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكى بىلەن گەپ تالاشقاندىن ئىت بىلەن يۈگۈرشۈپ ئوينىغان ياخشى ، مۇنبەردىكى بەزى ئادەملەر بىلەنمۇ ھەم شۇنداق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6521
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 06:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ناچىرىدىن خۇدا ساقلىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1058
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37454
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5744 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 10:17:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكى بىلەن گەپ تالاشقانلىق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1058
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37454
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5744 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 10:20:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدىۋېلى راخمان (ھەققانىي)
                       يامانلارنى دوست تۇتما


ياخشىلار كۆپ جاھاندا،يامانلارنى دوست تۇتما،

دىلى قارا پەيلى شۇم ‹‹ئاداش››لارنى دوست تۇتما.



بەزى بىرلە غە كۈلۈپ،تىكەن تېرار تىلىدا،

تۈلكە مىجەز يۈزى داپ،مەككارلارنى دوست تۇتما.



تۇققان،خوشنا،خىزمەتداش...ھىچكىم بىلەن ئەپ ئۆتمەي،

ھەر سائەتتە بىر ماجرا تاپقانلارنى دوست تۇتما.



نوقسان ئىزدەپ كۈنۈ-تۈن،ئۆزگىلەرنى غاجىلاپ،

ئۆزىدىكى ئەيىپنى ياپقانلارنى دوست تۇتما.



ئامىتىڭنىڭ بارىدا،ئەتراپىڭنى چۆرگىلەپ،

تەلەي كەتسە غىپ تىكىپ قاچقانلارنى دوست تۇتما.



كىم قازانسا شان-شەرەپ،پىتنە تېرىپ كەينىدىن،

ئوقياسىدا ھەسەتنىڭ،ئاتقانلارنى دوست تۇتما.



ئەللىك توققۇز قىش-باھار ماڭا ساۋاق دوستلۇرۇم،

بۇ دۇنيادا قىسقىسى: ناچارلارنى دوست تۇتما!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش