uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 10:01 PM
رەھمەت سىزگە تېما يوللىغۇچى !
مەن ئۇ جىلىتكىدىن مۇ ...
ساپ سورتلۇق كۆچىتىنى تاپقىلى بولىدۇ، لىكىن قىممەترەك. ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ، مەن ئۇچراشتۇرۇپ قوياي.
بۇ ئۆرۈكنىڭ توپ يىغىۋىلىنىش باھاسى 4-6يۈەنگىچە، كۆپ قىسىم دېھقانلار ھۆل پېتى سېتىشتىن قۇرۇتۇشنى ياخشىراق كۆرىدۇ. بۇ ئۆرۈكنىڭ گۈلىسى بەك ئېسىل قۇرۇيدۇ. ھۆل-يېغىنغا قويماي پاكىز قۇرۇتالىسا ھەر كېلوگىرامى يۇقىرىسى 80يۈەندىن تۆۋىنى 30يۈەنگىچە سېتىلىدۇ. ھەر 10كېلوگىرام ئۆرۈكتىن 3كېلوگىرام گۈلە قۇرۇيدۇ.
بۈگۈرنىڭ ئاق ياغلىق ئۆرۈكىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەگەر ئاق ئۆرۈكنى دىگەن بولسىڭىز، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى، كۇچار ئاق كىشمىش ئۆرۈكى دىگەنلەر چىلگە تۈردىكى ئۆرۈك بولۇپ، بالدۇر پىشىدۇ، سۇ تەركىۋى يۇقىرىراق بولىدۇ، سۇلۇق، شېرنىلىك، يىيىشلىك بولۇپ، ھۆل پېتى يىيىشكە ماس كېلىدۇ، گۈلىسى ئومۇمەن ئەتسىزرەك، تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى سەل تۆۋەنرەك كېلىدۇ. بارىن ئۆرۈكى جاغدا سورتقا تەۋە بولۇپ، پىشىش ۋاقتى كىيىن بولغانلىقتىن ئوزۇقلۇق توپلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇق تەركىۋى مول، تەمى تاتلىق، سۇ تەركىۋى تۆۋەنرەك (سەمەت ئۆرۈككە سېلىشتۇرغاندا ئازراق يۇقىرى)، گۈلىسىمۇ ئەتلىك قۇرۇيدۇ، ھۆل پېتى يىيىشكىمۇ، گۈلە قۇرۇتۇشقىمۇ بولىدۇ.
جوغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېيىتقاندا ئاقتۇ ناھىيىسى مۇزتاغلىرىنىڭ ئىتىگىگە جايلاشقان بولۇپ، كېلىماتى كۈندۈزدە ئىسسىق، كەچتە سالغىن. بۇنداق كېلىمات ئۆرۈكنىڭ (ۋە باشقا ھەرقانداق مېۋىنىڭ) ئوزۇقلۇق ۋە قەنىت توپلىشىغا پايدىلىق بولىدىكەن. ئاپتونوم رايوندىكى نوپۇزلۇق بىر باغۋەنچلىك مۇتەخەسىسىنىڭ ئېيتىشىچە رايونىمىزدىكى مېۋە-چىۋە ئوخشايدىغان بولۇپمۇ ئۆرۈكى داڭلىق بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تاغقا يېقىن كېلىدىكەن. دىمىسىمۇ قەشقەردىن ئۆرۈمچىگە ئۇچقاندا ئايرۇپىلان دېرىزىسىدىن تۆۋەنگە قارايدىغان بولساق تەكلىماكان قۇملۇغى ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى كەڭ كەتكەن تاقىر تاغلار بولۇپ، بىز ياشايدىغان زېمىنلار ئاساسەن تاغ يانتۇلۇغى ۋە تاغ ئارىسىدىكى كەڭرەك جىرالار ئىكەن. تاغلارغا ياغقان قار-يامغۇر سۇلىرى يىغىلىپ ئېقىنلارنى شەكىللەندۈرۈپ، كىچىك ئېقىن چوڭراق ئېقىنغا، چوڭ ئېقىنلار يىغىلىپ دەريالارغا ئايلىنىپ بىزنىڭ زېمىنلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. لىكىن زېمىندا تۇرغان ۋاقتىمىزدا يەنىلا زېمىن كەڭ كۆرۈنىدىكەن، تاغلارنى ئۇنچە كەڭ دەپ ئويلىمايدىكەنمىز.
يۇقارقى مۇتەخەسىسنىڭ گېپىگە ۋە ئايرۇپىلاندىن كۆرگەندىكى تەسىراتىمغا بىرلەشتۈرگەندە بۈگۈر، كۇچار دىيارلىرىمۇ تاغ باغرىدا بولۇشى مۆمكىن. لىكىن مەن ئۆزۈم ئۇ يۇرتلارنى كۆرۈپ باقمىدىم.