مىنىڭچە ئۇلار ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرمىغان پەقەتلا ئوخشاشمىغان پىكىرنىڭ مەۋجۇت بوپ تۇرىشىغا يول قويمىغان خالاس .
يۇقىرىدىكى تورداشلار توغرا دەيدۇ ، دىيارىمىزدىكى موللاملارنىڭ ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرغانلىق توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىك يازما مەلۇمات يوق . بىراق بۇ موللاملارنىڭ مەدەنىيەتكە يول قويغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ . بۇنىڭ دەلىلى : « بەخىتسىز سەئىدىيە » ، « تارىخى ئەمىنىيە » قاتارلىق تارىخىي يازمىلاردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى ، موللاملار پەن-مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن ،،،،
تورداشلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئىنكاسىمغا باشقىچە پىكرى بولسا سوغوققانلىق بىلەن پىكرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويارسىلەر . ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار تېخى ياخشى . ئەمما مىنى گەپتە چېقىۋېلىشنى ئويلىماڭلار