izqel يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 02:22 AM
؛بىر چاغدا قولۇم ئىشتىن بوشاپ ئۆيدە تىلېۋېزور كۆرىۋات ...
ئىشقىلىپ ئاداش بىزنىڭ ئۆيدە گىرىم ئەينكىدن باشقا ھەركەتلىك سۈرەت چىقىدىغان بىر نەرسە چىقىلىپ قالمىدى . ئانام 60 ياشتىن ھالقىپ كەتتى . شۇنداق ئۆيدە تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ بولغۇچە ھە سەن شەيتاننىڭ نەغمە-ناۋالىرىنى جاراڭلىتىپ ، قىرىغاندا ئىبادىتىمنى تىنىچ قىلغىلى قويمايسەن !- دەپ تولا كوتۇلداپ توختىمىدى .
ئۇندىن ئىلگىرمۇ سابىق ئىككى تېلىۋۇزۇرنى چىقىۋەتكەن ئىدىم . بۇ قىتىم ئۈچۈنجى قىتىملىقا تېلىۋۇزۇرنىمۇ كۆتۈرۈپلا يەرگە بىر قويۇپتىكەنمەن نەچچە پارچە بولدى . ھىلىقى ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىقى بار قازان دىگەن نىمىسنى مىجىپ-مىقىپ ئۇچار تەخسىدەك قىلىۋەتتىم ، سىمىنىمۇ ئانامغا پۇقۇسلاپمۇ ئىشقىلىپ بىر غىرىچتا بىر ئۈزۈپ جىمى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ھويلىغا تاشلاپ قويسام بىر خەن كەپتىكەن ئەسكى-تۈسكى نەرسە ئالدىغان . ساتامسەن دەيدۇ . مەنمۇ دىدىم ساتاي ئەمدى . ساتمىساممۇ چىقمىسا يا بۇ .
سەن ئىشلىتەلەرسەنمىكىن تاڭ ئەمدى ، يولدۇشۇڭ بىلەن ئالدىرماي تىكىپ ياماپ توكقا چىتىپ باسقاڭ چىقىپ قالسا ھىچ گەپ ئەمەس .
پەقەت كارغا كەلمسە مۇشۇنىڭدەك ئىككى تېلىۋۇزۇرنىڭ كەينى ۋارۇنكىسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ لىبىر قىلۋالساڭ يامان كۆكرەكلىك كۆرۈنىسەن دىسەم . تىرىكىنچە چاراڭ سىلىپ 20 يۈۋەن دەيدۇ
مەنمۇ ھە ئالە دىدىم مەرتلىك بىلەن .
خەن ئاچاش تېلىۋۇزۇرنى كونكىسىغا بىسىپ مىڭىپتى ، كاساپەتنىڭ رەڭ شۇنداق سۈزۈك ۋە ئوچۇق چىقاتتى شۇ تەرىپىگە چىدىماي شۇنداق ئىچىم ئىچىشتى . بۇرنقى تېلىۋۇزۇرنىڭ بىرنى ئۆزىدىكى ۋىكلىياتاچىل بىلەن كىينكىسىنى شاپىلاق بىلەن كونتۇرۇل قىلغان بولغاچقىمۇ تەڭ بۇنچىلىك ئىچىم ئىچىشمىغان ، كەينىدىن خەيرى-خوش شارىپ دەپلا قالدىم ئىچىمدە .
شۇنداق قىلىپ ئۆيىمىزدىن يەنە بىر جاباننىڭ قولى بىلەن ئېشلەنگەن بۇ مەھسۇلات يوقالدى .
ياشانغا كىشى تەڭ بولسا تىخى بولمىغان تەڭلا . بامداتقا ئىككى سائەت قالغاندا قوپە ئورنۇڭدىن ناماز ئوقۇ دەپ بىر ھەيدىگىلى تۇرسا شۇنداق قىلى بولۇپ كىتىمەن . ئانا مىنى مەجبۇرى ئوقۇتماڭ ماڭ ساۋابى بولمايدۇ ئۆزۈم خالاپ ئوقاي دىسەم ، سەن قاچان خالايسەن ؟ - مەندىن قالغاندا قانداق ئوقۇساڭ ئوقۇ دەيدۇ .
شۇڭا ئىچكىرلەرگە چىقىپ كەتسەم ئاي-يىلدا تېلىفۇن قىلمايمەن . تېلىفۇن قىلسىلا شەيتاننڭ نەۈمە-ناۋا يىقىن كەلمە ....توغۇرسىدا بايانات سۆزلەۋاتقان . دەيمەندە ئەمدى . ئۆزى تېلىفۇن قىلسا ، بالام مىجەزىڭ قانداقراق قىيلىنپمۇ قالغانسەنمۇ دەپ گەپ يوق . ناماز ئوقۇۋاتامسەن ؟ - ناماز ئوقۇۋاتامسەن ؟ -مۇشۇ گەپلا
.
باشقا ئاغىنلىرىمنىڭ ئانىسى تېلىفۇن قىلسا جىنىم بالام يىنىڭدا پۇلۇڭ بارمۇ يا ؟ - پۇلۇڭ بولسا تارتنماي دە ئىغىلدىكى ئاقباش كالىنى سېتىپ ...توخۇنى سېتىپ ... قوشنىلاردىن قەرىز سوراپ سىلىپ بىرەي ئىككى يىنىڭغا قاراپ قالما بالام بىز بار دەۋاتقان . ھىلى بىرسىگە جىنىم تاتلىق بالام ئۈلۈشكۈن كانكات بازىردا كىتىپ بارسام شۇنداق چىرايلىق بىر قىز ئەسرالىشىپ قالدىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ شۇ قىزنى ساڭا سورغانتىم بولسا بىر كەلسەڭ . جىنىم بالام ۋەزىيەت دىگەن كاساپەت ژىڭىچكى ، ئاخشاملىرى زىرىكسەڭ تالا-تۈزگە چىقماي تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرغىن بالام دەۋاتقان .
...تۆۋە مىنىڭ ئانام قانداق ئانىدۇر ناماز، ناماز ، ناماز . ھىچ بىر ئىككى يانغا قاراپ قالما دىەەن گپتىنمۇ ئەسسەرمۇ . مەنمۇ كۆنۈك شۇڭىمۇ ئىككى يانغا قارايدىغان ئىشنىمۇ قىلمايمەن . ئاخىرى ئاللاھغا قاراشلىق بولۇپ قالدىم مانا .
ئۇ تېلىۋۇزۇر يوقىلپتى ھىچ بىر دىلىم بۇزۇلۇپ كەتمىدى يەنە جايىدا مانا . مەنچە تېلىۋۇزۇردا ئەمەس مەسىلە بىزدە .
رەھمەتلىك تېلىۋۇزۇرنى سىڭلىمنىڭ بالىسنى ھەر بىر كۆرسەم ئەسلەپ قالىمەن . سىڭلىمنىڭ بالىسىنى سۈتتىن ئايرىغاندا ، ئانام دىگەن ئاقساقال پىدائىي مەن ئايرىپ بىرەي دەپ ئىلىپ قالدى . ئۆيدە ئانام بىلەن مەنلا بولغاچ ياشىنىپ قالغان ئادەم بالا باقالامدۇ دەيسىلەر ؟- كۈندىزىغۇ دىمەيلى يىغىسىنى ، كىچىسى دىگەن گەپ توغرا كەلمەيدۇ يىغىسىغا ، ئامال قىلالماي تېلىۇزۇرنى قويۇپ بەرسەم ئالدىغا كىلىۋىلىپ ، ئۇ يەرنى بىسىپ بۇ يەرنى بىسىپ ئويناپ گول بولۇپ توختاپ قالاتتى . چاتاق يىرى تېلىۋۇزردا دۇنيا ئىشلىرى پىروگىراممىسدا چىقىدىغان يامان تەنناز ئاقسا بىر خوتۇن بار ، كۆكرىگى كەڭ كاستۇيۇمنى كىيىپلا يىقىملىق بىر تۇرۇقتا كۆزى كۇلۇپلا سۆزلەپ چىقىدىغان ، شۇ خوتۇن چىقسا مەممە مەممە ئىمىمەن دەپ شۇ خوتۇنغا ئىسلىۋىلىپ قۇرۇق ئەينەككە ئاغزىنى يىقىپ تۇرشىغا ئۇ خوتۇن يوقاپ كەتكەن ، يەنە يىغىسى باشلانغان . ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئۆيدە تېلىۋۇزۇرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاجايىپ تارىخلىرى بار !
مەن دەيمەن سىللى شۇ تېلىۋۇزۇرۇڭلارنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىۋاڭلار بولمىسا كىينچە مەندەك ئىغىر ئىچ ئاغىرقىدا قالىسلار ئاداش .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-5 06:29 AM