mercury يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 10:20 PM
بۇرۇنقى ھازىر مىڭىۋاتقان پويىزلاردا بارمۇ يوق ، بىلم ...
ۋاي دەپ كەتكۈچىلىگى يوق پويىزنىڭ مەنغۇ ئامالسىز ئەھۋالدا چىقىپ قالمىسام ، ئالدىراپ چىقمايمەن، ئەگەر يۈك تاقىڭىز ئاز بولسا پۇيىزغا چىقىڭ يۈك تاققىڭىز كۆپ بولسا يەنىلا شۇ ماشىنا ياخشى ،
تەس جۇمۇ بۇ پويىزغا ئۇيغۇرچە يېزىق ئىشلىتىشى ئادەتتە قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ،ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە › خوتەندىن ئۈرۈمچىگە باردىغان پويىزلارنىڭ ھېچ قايسىدا ئۇيغۇر يېزىقى يوق دىيەرلىك ، ئەسلى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بولغانكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاساس قىلسا توغرا بولاتتى ، لىكىن ئۇنداق ئەمەس يەنە بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ئۆزىمىدە مۇنبەردە ، ياكى تۆت ئادەم يىغىلغان ئورۇندا ۋاي ئۇنداق مۇنداق ، ۋەتەن سۈيەر ،مىللەت سۈيەر ،يېزىق سۈيەر بوپ كەتكەن لىرمىز يالغۇز قالساق يەنىلا خەنزۇ چىنى ئىشلىتمىز، پۇل ئېلىش ماشىنىسى بولسۇن ئىشقىلىپ مەن دىققەت قىلىپ باقتىم ، بىزنىڭ قېنىمىزغا يۈرەكلىرمىزگە يالغانچىلىق ۋە ساختىلىق سىڭىپ كەتتىمۇ بىلمىدىم . بەزدە مەخلۇقنى بىزنى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھتىن چوڭ كۈرۈپ ياسالمىلىق قىلىشلىرمىزچۇ تېخى بۇ يەرگە كىرۋېلىپ ھېچ كىم كۆرمەيدۇ دەپ گەپنى چوڭ قىلغان قەغەز يولۋاسلىرمىز ،ئاشۇ قىلغان گەپلىرنىڭ ئوندىن بىرگە ئەمەل قىلالىسا ئىدى ، بۇيەردە بۇنداق قاخشاشلار ۋە تالاش تارتىشلار ئورۇنسىز ئىدى. بەزىدە تېخى ئۆزەمچە كۈلگۈم كىلىدۇ، ئىشقىلىپ بەزى گەپلەرنى نىمىشقا ئۇيغۇرچە دىمەيسىلەر دەپ بەزى يېشى مەندىن چوڭ ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن سورسام ، مۇشۇنداق كۈنۈپ قاپتىمەن ، خەنزۇچە دىمسەم مەقسىتىمنى چۈشەندۈرەلمەيدىكەنمەن ، توۋا بىزنىڭ تىلمىز ئىككى ئۇيغۇر پاراڭلاشسا خەنزۇچە ئارلاشتۇرمىسا مەقسىتنى چۈشەندۈرەلمىگدەك ئۇنداق تېل ئەمەستى ئۇيغۇر تىلمۇ مۇككەممەل تىل ئىدى. بۇرۇن مېنىڭ نەۋرە ئاكام خۇتەن ھەم قەشقەرنىڭ ئادەملىرى خەنزۇچىغا ئۇستا كىلدۇ ، دىسە كىچىك بولغاشقىمۇ مەنىسنى چۈشەنمەپتىمەن، ئەسلى ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى ئەبجەش تىل ئىكەنتۇق، ئۇيغۇرلانىڭ ماكانى ، ئانا دىيارى بولغان دىيارمىزدىككى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئاشۇ ، يۇرتىلاردا ئىگەللەيدىغان ئۈسۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئارلاش سۆزلىگىلى تۇرسا ، قانداق قىلساق بولاركىن تاڭ. مۇنبەردە مۇنازىرە قىلساق ھەممىمىز ، ئېسىل پەزىلەتلىك كەم كۈتسىز ، ئىنسانغا ئوخشاش ، سۆزلەپ نۇرغۇن ۋەدە قەسەملەرنى بىرىپ كېتىدىكەنمىزيۇ لىكىن ئاشۇ قىلغان ۋەدە قەسەملىرمىز توغۇرلۇق ئويلۇشۇپ باقمايدىكەنمىز، شۇنىڭغا قارغاندا ئېنتىرنىت دىگەن مەۋھۇم دۇنيا بولغاچقا بەرگەن ۋەدە قەسەملەر مەۋھۇم بولسا كىرەك. مەن كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ، بەزى قېرىنداشلىرمىز تىجارەتتە ياكى ئېلىم بېرىمدا، ياكى دوس تۇتۇشتا بولسۇن ، باشقا مىللەتلەر بىلەن دوسلىشىشنى ياختۇردۇ ، سەۋەبى توغۇرلۇقمۇ ئىزدىنىپ باقتىم ، ئەسلى ئۆزىمىز يالغانچى بولغاچ ، بىر بىرمىزنىڭ دوسلىقىغا ، تىجارەتتە ، ھەمكارلىققا ، ئېلىم بېرىمدە،ۋاقىتقا ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغاچ ، مۇشۇنداق كۈنگە قالدۇق ،بىز ئۆزىمىزنى تۈزەتمەي ،تۇرۇپ مىڭ تىپپىرلىساقمۇ بىكار كۈن دىگەن ئۆتىۋېردۇ، كىيىنكى ئەۋلاتلار بىزنىڭ ئاشۇ يالغانچلىققا تولغان تۇرمىشنمىزنى ئۆزگە قۇبۇل قىلىپ سىڭدۈردۇ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېردۇ، ھۇھ ئاللاھ ھەممىگە ئۆزەڭ بار ، يەرنىڭ ئاستىدىككى قۇرۇتقىمۇ رەھمىم قىلىپ رىزىق بەرگۈچىسەن، بىزنىڭ ھالىمىز ساڭا ۋە ئۆزىمىزگە ئايان