musilina يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 04:09 PM
كىتابخانىدىن تاپقىلى بولارمۇ بۇ كىتابنى.....؟
مەكتىپىڭىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ سولغا 500 مېتىر ماڭسىڭىز، كىچىك توت كوچا دوقمۇشىغا جايلاشقان شىنخۇا كىتابخانىسىغا بارىسىز. كىتابخانىغا كىرىپ ئۇدۇل 20مېتىر مېڭىپ، سولغا بەش مېتىر قايرىلسىڭىز ‹‹پەلسەپەگە ئائىت كىتابلار›› بار كىتاب جازىسى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. ئاندىن كۆزىڭىزگە 300 گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەكنى تاقاپ تۇرۇپ، ئىككى مىنۇت ئىزدىسىڭىزلا شۇ كىتابنى تاپالايسىز. ئاخىرىدا كىتابنى ئېلىپ، پورتمالىڭىزدىن قىزىل تىزىنى چىقىرىپ، پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا پۇل تاپشۇرسىڭىزلا ئۇ كىتاب سىزنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكىڭىزگە ئايلىنىدۇ.
ھە راست، كىتابخانىغا كىرگەندە ئاۋايلاپ مېڭىڭ، سىلىق چاقچۇقتا تېيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!!!! ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىمگە كۆپ رەخمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 12:59 AM