|
|
|
|
مىتاللارنى كەپشەرلەش ۋە كىسىشتە ھازىر كۈپىنچە ئىشلىتىلىۋاتقان كەپشەرلەر يۇقىرى چاستوتىلىق بۇلۇپ، ئادەتتە ئاكۇمۇلياتوردىن چىقىدىغان تۇراقلىق توكنى ئۆزگەرتىپ 220 ۋە ئۈچ فازىلىق 380 ۋولىتلىق تۇراقسىز توكقا ئۆزگەرتىدىغان تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ تېخنىكا ئاساسىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئۈنىمىنى ئاشۇرغان ھەم ماسسىسى ھەجىمىنى ھەسسىلەپ يىنىكلەتكەن.
بەزىلېرىدە يەككە ئىىقتىدار بار، خاس كەپشەرلەش (يۇقىرى ئىقىملىق توك بىلەن مىتال ۋە كەپشەر چۇكىسىنى قىسقا تۇتاشتۇرۇپ ئېرىتىپ ئۇلاش) ياكى كىسىش (يۇقىرى بىسىملىق ئىلىكتىر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىپ شۇ ئۇچقۇن ئىچىدىن پىرىسلانغان ھاۋانى ئۈتكۈزگەندە ھاۋا تىمپىراتورىسىنى يۇقىرلىتىپ، ئاندىن مىتالغا سۇقۇلغاندا رىئاكسىيە ھاسىل بۇلۇپ يۇقىرى تىمپىراتورىلىق ھاۋا سۇقۇلغان جايدىكى مىتال ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىندا كۈيۈپ كىسىلىدۇ) . بەزىلېرى بولسا كەپشەرلەش، كاربونلۇق كەپشەرلەش، كىسىش، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا. يەككە ئىقتىداردىكى كىچىك كەپشەرلىگۈچ ئىككى كىلوگىرام كىلىدىغىنىغىچە بار، ھەم ھەجىمىمۇ ئىكى توكسىكىلىت زەرەتلىگۈچىنى قاتىغانچىلىك كىلىدۇ.
كەسپى ئورۇنلار چىدامچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەككە ئىقتىدارلىقىنى ئىشلىتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ئۈزلۈكسىز ئىشلەتكەندە ئىسسىق يەرلەردە قۇغدىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان ۋاختى ئۇزۇنراق دەپ كونا تىپتىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە شامالدۇرغۇچ تۇكىنى ئۈز-چاتنىڭ توك كىرىدىغان ئۇچىغا ئۇلاپ قويسا تىز سۇۋۇپ قىسقا ۋاقىتتا ئەسلىگە كىلىدىغان بۇلىدۇ.
مەن 2006-يىللېرى يۇرتىمىزدا 5.6كىلوۋاتلىق كىچىكىنى كۆرگەن ئىدىم، كۈپىنچە موس قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتەتتى، ھازىرمۇ كۈپىنچە قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتىدۇ، ئالماشتۇرۇپ قويسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
مەن قىسقىچە قىلىپ كۆپ ئىقتىدارلىقىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي؛ 2010-يىللېرى مەن ct-416 تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىقتىن بىرنى ئالغان ئىدىم، يىقىندا بۇزۇلۇپ قىلىپ شۇ كاشلىنى ئوڭشىغاچ ئاندىن ئۇنىڭ ئىش پىرىنسىپلېرىنى تەھلىل قىپ چىقتىم. كەپشەرلەش ھالىتىدە ئىككى يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردىن چىققان توك ئىقىمى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن رەتلىنىپ ئۈتۈپ يانداش ئۇلىنىپ ئاندىن كەپشەرلەش سىمىنى ئىنىرگەيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتوردا يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىپ، كەپشەر سىمى كەپشەرلىنىدىغان مىتالغا يىقىن بارغان ھامان ئۇچقۇن بىلەن كەپشەر سىمى ئۇچىنى قىزىتىپ، كەپشەر چۇكىسىنىڭ مىتالغا چاپلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەپشەرلىنىۋاتقاندا بولسا ئۇچقۇن ئورامىنىڭ قىزىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا رەڭلىك تىلۋىزوردا ماگىنىتسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماگىنىتسىزلاندۇرۇش قارشىلىقى ئارقىلىق ئالدى ئىلىنىدۇ.
يۇقىرى بىسىملىق ئۇچقۇن بىلەن كەپشەرلەشتە بولسا يۈتكىلىشچان ئۈز-چات شۇ خىل ھالەتكە تەڭشەلگەندىن كىيىن ئىككى تىرانسىفورماتوردىن چىقىپ رەتلەنگەن توكنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەقەت توك ئىقىمىلا كونتۇرول قىلىنىدىغان بۇ ئەسۋاپتىن چىققان توك بىسىمى قاتلىنىپ ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇ چاغدا كەپشەرلەش ھالىتىدە ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتورغا توك ئۈتمەيدۇ.
ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاش ، يانداش ئۇلاش ۋە ئۇچقۇن ئورامىنى ئۇلاش ھەممىسى ئىلىكتىر ماگىنىتلىق رېللىق كۆپ يوللۇق ئۈز-چات ئارقىلىپ
ق تاماملىنىدۇ. توك يۇلى بىرسى بىرسىگە ئۇخشاپ كەتمەيدۇ، بەزىلېرىدە بەك نازۇك كونتۇرول توك يۇلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئورامنىڭ رولىمۇ بوش ئەمەس، بۇ ئورامنىڭ كەسمە يۈزى ۋە ئىندوكتىپلىقى نورمال بولمىغاندا رەتلىگۈچ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئاسان كۈيۈپلا كالماي يەنە قۇۋۋەت لامپىسىمۇ ئاسان كۈيۈپ كىتىدۇ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-7 06:10 PM):
مەسلە بولسا بۇ توپتڭن سوراڭ؛群名称是焊机维修交流 310209215
|
|
|
|
|
|