تارىمى يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 01:56 PM
قانداق گەپ بۇ ؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار ئادەم بۇلۇپ ...
قېرىدىشىم،بۇ ئاممىۋى سورۇن سىزمۇ بىلىسىز؟بىراق ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ئۇنداق سەكرەپلا ئەخلەت تېما دېسىڭىز بىراۋنىڭ كۆڭلىگە كەلمەسمۇ ؟ھاياسىز قىلىقلارنى تەسۋىرلەيدىغان ،ئاتالمىش ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىپ ھارامدىن بالا تاپتىم دەيدىغان ئەسەرلەرنى ئەخلەت تېما دېسەكمۇ كېچىكمەيمىز؟قېرىندىشىم سەل سوغوققان بولۇڭ.....چىرايلىقمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدىغۇ؟
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەۋرىلىرى بولغان ھەزرتى ئىمام ھەسەن بىلەن ئىمام ھۈسەن بىركۈنى ئويناۋېتىپ بىر بوۋاينىڭ تاھارەت ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ،ئۇلار زەن سېلىپ تۇرسا ئۇ بوۋاي تاھارەتنى خاتا ئېلىۋاتقۇدەك....ئىماملار بىر بىرىگە قارىشىپ بىر پەس تۇرۇپ قاپتۇدە،يەنە چاققانلىق بىلەن بوۋاينىڭ قېشىغا بېرىپ بوۋايغا سالام قىلغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلاپتۇ
بوۋا،بىز كىچىكلەرمىز شۇڭا تاھارەتنى كامىل ئېلىشنى تازا بىلىپ كەتمەيمىز،سىز قاراپ تۇرسىڭىز بىز تاھارەت ئالايلى،خاتا يېرى بولسا تۈزىتىپ بەرسىڭىز دەپتۇ.....بالىلارنىڭ تاتلىق گەپلىرىگە كۈلگەن بوۋاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە ماقۇل بوپتۇ.ئىماملار بولسا يەڭلىرىنى شىمايلاپ تاھارەت ئېلىشقا باشلاپتۇ....ئۇلار تاھارەتنى ئېلىپ بوپتۇ...بىراق بوۋاي توساتتىنلا يىغىغا چۈشۈپتۇ،ئىماملار ھەيران بولۇپ سەۋەبىنى سورىشىپتۇ......بوۋاي دەپتۇكى،ئى قوزىلىرىم،بىلدىمكى مېنىڭ تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلۇم خاتائىكەن بىراق سىلەر ئەيىبىمنى ئۇدۇللۇق دېيىشتىن خىجىل بولۇپ مېنىڭ دىلىمنىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ماڭا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تاھارەت ئېلىشنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگەتتىڭلار...خىجىللىقمدىن يىغلاۋاتىمەن....
بوۋاي يەنە سىلەر شۇنچىلىك كىچىك تۇرۇپمۇ بۇنداق ئۇسۇل بىلەن بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلىپسىلەر،كىملەرنىڭ پەرزەنتى سىلەر...دەپ سورىغىنىدا ئىماملار كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاخىرىقى زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ نەۋرىسى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ پەرزەنتى ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەنلەرمىز دېگىنىچە ئۇ بوۋاينى خىجىل قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈپ كېتىپ قاپتۇ.....
بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى شۇڭا پىكىر قىلىش ھوقۇقىمىز ھەم باردۇ دەپ قارايدىغانسىز قېرىندىشىم،بىراق بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولغىنى بىلەن ئۇ تېمىنى ئىنكاسنى يازغان كىشىلەر مەۋھۇم ئەمەس.......
شۇڭا سەۋىرچان ھەم سوغۇققان بولغايسىز،چۈنكى دىل ئازار خۇدا بىزار ئەمەسمۇ؟
كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم،ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز،دىلىڭىزنى ئاغىرىتىپ قويغان بولسام تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزۈر.....
يەنە باشقا تېمىلاردا ھەمسۆھبەتتە بولىشارمىز،ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن قېرىندشىم،كۆرۈشەرمىز....