بىر نەچچىڭلار سۇلىياۋ يىپىش تېخنىكىسى توغۇرسىدا مەسلەھەت بىرىپسىلەر ! . ياڭاققا سۇلىياۋ يوپۇق ياپقىلى بولمايدۇ
. مەن بۇنى ياڭاق تىرىغان ئىتىزغا دەپ بىلدىم .
ياڭاق ئۆتۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان تۇپراققا نىمىلا قىلماڭ نەتىجىسز بولىدۇ . تېخنىكا ئارقىلىق باشقۇرسىڭىزمۇ ياڭاق بىر نەچچە يىل ئەي بولۇپ ئەمدى مىۋە بىرەي دىگەندە شاخلىرى بارا-بارا قۇرۇپ ئۆلىدۇ .
لىكىن يىللىق زىرائەت يەنى بىر يىلنىڭ ئۆزىدىلا ھەم تىرىلىپ ، تىكىلىپ شۇ يىلنىڭ ئاخىردا مەھسۇلاتى يىغىلۋىلىندىغان زىرائەتلەرنى باشقۇرۇشتا تېخنىكا تايانسىڭىز ھەر قانچە ناچار ئۈنۈمسىز يەرلەردىنمۇ مەنپەت كۆرەلەيسىز .
مىۋىلىك باغ قىلماقچى بولغان ئادەم . شۇ يۇرۇتنىڭ ئۆزىدە . نەچچە يۈز يىلدىن بىرى قايسى مىۋە باراقسان ئەيلىشپ كۆكلەپ كىلىۋاتقان بولسا شۇ مىۋىنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ باغ قىلسىڭىز مەنپەت كۆرۈڭىزدە %100~%95 چاتاق يوق .
بىرسى ۋاي خوتەندە بىر كىلو چىلاننى 100 يۈۋەندىن ئاپتۇ دىسە. ھە بالام سەمەت قولۇڭغا پالتىنى ئال . ئىتىزدىكى ئۈرۈكنى چاپ . كولا ئورەكنى تىكە چىلاننى دەپ چىلانلىق باغ قىلىپ .
بىرسى ۋاي قاغىلىقتا بىر كىلو ياڭاقنى 50 يۈۋەندىن ئاپتۇ دىسە . ھە بالام ئەمەت پالتىنى ئال چاپ شاپتۇلنى كولا ئورەكنى .، تىكە ياڭاقنى دەپ ياڭاقلىق باغ قىلىپ پۇلنى تاغارلاپ تاپىمەن دىسڭىز دىمەك سىز ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەق .
دۇنيادا دىھقاننىڭ قولدىن بىۋاستە بىر كىلوسىنى 100~150 يۈۋەندىن ئالدىغان گۆھەر مىۋە يوق ھەممۇ بولمايدۇ . بۇ مىنىڭ يەكۈنلەپ چىققان قارشىم .
نەچچە يىل ئالىدا بىزنىڭ دىياردا ئامېرىكا سورتىدىكى گىلاسنى تىككەن . مىۋە بەرگەندە بىر كىلوسىنى 150 يۈۋەندىن ئىتىزنىڭ بىشىدىلا سېتىلۋالغان . بۇنى ئاڭلىغان-كۆرگەن كىشىلەر بەس-بەستە گىلاس تىكتى . مىۋە بەرسە ھەر كىلوسىنى 150 يۈۋەندىن يەنى . گۈلچايدەك ساتماقچىدى . بىراق ئاقىۋەت نىمە بولدى مانا كىلوسى 30~20 يۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى .
ئەگەر سىز ئىشچان بولسىڭىز . جاپا-مۇشاقەتتىن قورۇقمىسڭىز . يەنىلە كۇچانىڭ سوپىنى ياخشى . ئۈركلۈك باغ قىلىڭ .
بىر موغا 12 رەت ھەر رەتكە تەخمىنەن 5 تۈپتىن ئۈرۈك كۆچىتىنى تىكسىڭىز بىر موغا تەخمىنەن 60 تۈپكە يىقىن كۆچەت تىكىلىدۇ ئ ئۈرۈك كۆچىتى 3 يىلدىن باشلاپ مىۋە بىرىدۇ . ئەگەر پۇلغا چىدىڭسىز ئۈچ-تۆت يىللىق تەييار كۆچەتنى تىكسىڭىز كىلار يىلى ئاز-تولا مەنپەتىنى كۆرۈشكە باشلايسىز .
بۇنداق كۆچەتنى بويىغا ئۆسكىلى قويماي شەكىلگە كىرگۈزۈپ باشقۇرسىڭىز ھەر تۈپتىن ئەڭ تۆۋەن دەيلى 30 كىلو ئۈرۈك چىقسا ھەر كىلوسىنى شاپاق نەرقى 2 يۈۋەندىن ساتىڭىسز . 60 يۈۋەن . بىر مودىن 3600 يۈۋەنلىك ئۈرۈك چىقىدۇ .
باشقا تىپتىكى مىۋىمۇ شۇنداق . لىكىن ئىسىڭىزدا بار شاپتۇللۇق باش قىلماڭ . بۇ مىۋىنى مۇشۇ خەنزۇ يولداشلار باشقۇرمىسا بىز خەق نان تىپىپ يىيەلمەيمىز .